تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، 200 مىڭ 700 ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تاللاپ، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ۋە سۈيى يوق پاكىز ھاجەتخانىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈردىكى يەتتە خىل ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەن. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىلار ئۆزگەرتىلگەن ھاجەتخانىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %50.48ىنى، سۈيى يوق پاكىز ھاجەتخانىلار ئۆزگەرتىلگەن ھاجەتخانىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %49.52ىنى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ رايونلار بويىچە ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېزىلاردىكى پاكىز ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن تارتىپ بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىمالىي شىنجاڭدا جەمئىي 655 مىڭ 200 ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغان بولۇپ، بۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا نوپۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ %61.13ىنى ئىگىلىگەن؛ شەرقىي شىنجاڭ (تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى)دا جەمئىي 262 مىڭ 900 ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغان بولۇپ، بۇ شەرقىي شىنجاڭدىكى يېزا نوپۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ %81.46ىنى ئىگىلىگەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 1 مىليون 569 مىڭ 800 ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغان بولۇپ، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا نوپۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ %82.3ىنى ئىگىلىگەن.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە سۇ ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلمىسە سۇ ئىشلەتمەسلىك، ئاددىي، ئەمەلىي قوللىنىشچان، تەننەرخى مۇۋاپىق، ئامما قوبۇل قىلىدىغان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تاللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.