تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش پەقەت ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق

− يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا جەزمەن «سىياسىي ۋىرۇس»نى تازىلاش كېرەك (2)

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېز سۈرئەتتە قايتا باش كۆتۈردى، يېقىندا ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى سانى، كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىق مىسالى سانى، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى سانى قاتارلىق يۇقۇم يادرولۇق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ھەممىسى قايتا ئۆرلىدى. ئەمما دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى يەنىلا گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشقا مەپتۇن بولۇپ، ئاتالمىش «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتى»نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقا دۆلەتلەرگە قارا چاپلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولماسلىق مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇندى. بۇ ئىلىم - پەننى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ھاياتلىق، ساغلاملىققا سەل قارىغانلىق، شۇنداقلا يەر شارى بويىچە ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.

پاكىت قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، باشقا دۆلەتلەرگە قارا چاپلاش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىغىلى بولمايدۇ، گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنىڭ جەڭ پۇرسىتىگە تېخىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ خالاس. يەر شارى بويىچە داۋالاش تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەتچى دۆلەت» «يەر شارى بويىچە يۇقۇم كەڭ تارقالغان دۆلەت» بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، مەسئۇلىيەتسىز ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، زېھنىنى ئۆز دۆلىتىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا سەرپ قىلماي، باشتىلا گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن ھەدەپ شۇغۇللاندى، نەتىجىدە ئامېرىكا خەلقى ئۇنىڭ قاتتىق زىيىنىغا ئۇچراپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ئۈچۈن، بۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى خاتىرجەم قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. ئامېرىكا تاراتقۇسى «پالما ساھىلى پوچتا گېزىتى» ۋە «مىئامى ئاۋانگارتلار گېزىتى»دە ئاشكارىلىنىشىچە، فىلورىدا ئىشتاتى سەھىيە تارمىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئىلگىرى شۇ جايدا 2020 - يىلى 1 - ئاي ۋە 2 - ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئالامىتى كۆرۈلگەن ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان 171 ئاغرىقنىڭ سانلىق مەلۇماتى كۆرسىتىلگەن، لېكىن بۇ سانلىق مەلۇمات 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. كېيىن، بۇ ئىشتاتنىڭ سەھىيە تارمىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش سەۋەبىدىن ئاغرىق مىسالى رەت نومۇرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ، يەنە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك دېگەندەك، خۇپىيانە ئىش قىلىشتەك دېلو مىسالى پەقەت ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىقىدىكى نۇرغۇن مىساللارنىڭ بىرى. ۋاشىنگتون داشۆسىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى ئايرىم - ئايرىم 65 مىليون ۋە 900 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.

گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ئۈچۈن، بۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى «ئوغرى ئوغرىنى تۇتۇڭلار دەپ ۋارقىراش» «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك رەزىل ئويۇنلارنى توختىماي ئوينىدى. ئۇلار جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلەرنى نورمال قانات يايدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ بوھتان چاپلىدى. ئەمەلىيەتتە، نومۇسسىزلىق بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ھە دېسىلا بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ئارقىلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تەھدىت سالغىنى دەل ئامېرىكا. ئوچۇقتىن - ئوچۇق يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ نامىنى بۇلغاپ، ۋىرۇسنى بەلگىلەشتۈرۈپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشىغا كاشىلا قىلغانمۇ يەنىلا ئامېرىكا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قارىتا «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش»، كۆپ تەرەپچىللىككە قارىتا «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش»نى قوللىنىۋاتقىنىمۇ يەنىلا ئامېرىكا. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى قايتا - قايتا كۆپتۈرگەن «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش»كە كەلسەك، بۇ، پەقەت جۇڭگوغا قارا چاپلاش ئۈچۈنلا ئىشلەتكەن باھانە، ئەمەلىيەتتە، مەنبەنى ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشنى قوبۇل قىلمايۋاتقىنىمۇ دەل ئامېرىكا، خەلقئارالىق مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىغا قاتناشمايۋاتقىنىمۇ دەل ئامېرىكا.

ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىلمىي، كەسپىي، كەسكىن، ئوچۇق، ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن يەر شارىۋى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قېتىم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى جۇڭگوغا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بارماقچى بولغان بارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى، شۇنداقلا ئۆزلىرى كۆرۈشمەكچى بولغان ھەر بىر كىشى بىلەن كۆرۈشتى. ئەكسىچە ئامېرىكىغا قارايدىغان بولساق، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچىدىكى دەسلەپكى مەزگىلدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ بىلگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە دوكلاتقا قارىتا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى باشتىن - ئاخىر قاتتىق سىر ساقلىدى. بۇ يىل 6 - ئايدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نام - مەنپەئەت سورۇنى» ژۇرنىلىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسىمدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەكشۈرمەسلىكنى، بولمىسا سالجا قاچىلانغان كوزىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋەتكەندەك ئىش بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن مەيلى قانداقلا يوشۇرسۇن، ئامېرىكا بۇ مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ: دېترىكبۇرگ بىيو تەجرىبىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىشىنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئۆپكە ياللۇغى» قاتارلىق سەۋەبى ئېنىق بولمىغان نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن زادى قانداق باغلىنىشى بار؟ ئامېرىكا تەرەپ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئامېرىكىغا بېرىپ دېترىكبۇرگنى ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلمايدۇ؟ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە، جۇڭگوغا كەلسە بولىدىكەنيۇ، نېمىشقا ئامېرىكىغا بارسا بولمايدۇ؟

قول چىراغنى كۆتۈرۈۋېلىپ باشقىلارغىلا قارىتىپ، ئۆزىگە قاراتماسلىق، بۇ قانداق لوگىكا؟ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۇلار پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋالغا ئەسلا پەرۋا قىلمايدۇ، شۇنداقلا مەنبەنى كەسكىن، ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشكە قىزىقمايدۇ، پەقەت يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ نامىنى بۇلغاش ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىشنىلا ئويلايدۇ. بىراق، گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىدىغان ھەرقانداق قىلمىش ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولماسلىق، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يۈك بولۇپ قېلىشتەك سەلبىي پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەزمەن شۇنى بىلىشى كېرەككى، تارىختا كۆپلەپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېترىكبۇرگقا قارىتا، ئىلگىرى تەجرىبىخانا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، بۇلغىما چىقىپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن سېسىق نامى پۇر كەتكەن دېترىكبۇرگقا قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىشقا تولۇق ئاساسى بار. بۇنداق تەلەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئامېرىكا خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈندۇر. ئامېرىكا مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بەرمىسە، گۇمان تۈگىمەيدۇ.

تېخى يېقىندىلا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى نومۇر قويۇش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىنى «يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرىنچى» دېگەن «تەخت»كە ئولتۇرغۇزدى. ھالبۇكى، پۈتۈن دۇنيا شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى، ئامېرىكىدا ئۈزلۈكسىز قايتا باش كۆتۈرگەن يۇقۇم سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا ئەگىشىپ يوقاپ كەتمىدى، پەقەت قىلىدىغاننى قىلماسلىق ۋە داۋراڭ سېلىش ئىچىدە بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. بىز ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىغا ۋىجدانىنى، ئەقلىنى تېزرەك تېپىپ، گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشنى بالدۇرراق توختىتىشقا نەسىھەت قىلىمىز، قانداقلا بولمىسۇن، زومىگەرلىك تەپەككۇرى ۋىرۇسنى توسۇپ قالالمايدۇ، زوراۋانلىق لوگىكىسى يۇقۇمنى كونترول قىلالمايدۇ. ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىشلا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى قوغداشنىڭ جاھاندىكى توغرا يولى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.