تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىلى ئوبلاستىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۈنسايىن يېڭىلىنىۋېتىپتۇ»

ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى ئىلى ئوبلاستىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى −

«ئىلى ئوبلاستىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۈنسايىن يېڭىلىنىۋېتىپتۇ»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«بۇ قېتىم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىشىم بىلەن ئالدىنقى قېتىمقىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئالتە يىللا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆرگەن ئۆزگىرىشلەر ئالەمشۇمۇل بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جۇ چيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى».

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بىر قىسىم نازىر دەرىجىلىك پېشقەدەم كادىرلارنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. پېشقەدەم كادىرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى، قورغاس شەھىرى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مەھەللە، كارخانا ۋە باغچە رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەھەر - يېزا قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

ئىلى ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى دۇڭ جاۋخې ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە كەلگەن 41 پېشقەدەم كادىرنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن... كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.» جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى چوڭ زالدا جاراڭلاپ، ياڭراق سادا ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.

بۇ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنىڭ يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىشى، بۇ، ئۇدا كۈرەش قىلىشتىكى قايتا ئاتلىنىش.

«مەن خىزمەت ئورنۇمدىن پېنسىيەگە چىقسام بولىدۇ، لېكىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىرادەمدىن چېكىنمەيمەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ خىسلىتىمنى يوقاتمايمەن، مەن داۋاملىق پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى مەمەت رەجەپ.

پېشقەدەم كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى، ۋەتەننىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

قورغاس سەنيۇفۇشىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ جىڭگۇڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار تولۇق ئاپتوماتىك كەپشەرلەش ماشىنىسىدا ماھىرلىق بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

«كارخانا بۇلتۇر 7 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئاساسلىقى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، كېڭەيتىش، سېتىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلىدۇ.» قورغاس سەنيۇفۇشىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ جىڭگۇڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ياۋ يۈەن مۇنداق دېدى: «بىز كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە بولغان جەرياننى 45 كۈندىلا تاماملىدۇق، بۇلتۇر مەھسۇلات قىممىتى 500 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ يىللىق زاكاز مىقدارى 3 - پەسىلگىچە تىزىلىپ بولدى».

«خىزمەتچىلىرىڭلار ئارىسىدا يەرلىكتىكىلەر بارمۇ؟» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، خۇاچياۋ ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى يەھيا ئىسكەندەر بىر تەرەپتىن ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ، بىر تەرەپتىن سورىدى.

«خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ %90ى يەرلىكتىكىلەر.» ياۋ يۈەن مۇنداق دېدى: «يېقىندا، ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى يەنە بىزگە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەردىن 50نى يەتكۈزۈپ بەرمەكچى».

«ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ، خىزمەتچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئاندىن كارخانا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ» دېدى يەھيا ئىسكەندەر.

قورغاس دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيىدىن چىقىپ، ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇپ، پېشقەدەم كادىرلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى قورغاسنىڭ توپا يولى، كېسەك ئۆيلىرىنىڭ ئىزلىرىنى تاپقىلى بولمايدىكەن، كاتتا تەدبىر، چوڭ ئەندىزە، كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ ئېلىپ كەلگىنى زامانىۋىلاشقان چېگرا شەھىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بوپتۇ.

«بۇ يەر ئىلگىرى قاقاسلىق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپتۇ، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۈنسايىن يېڭىلىنىۋېتىپتۇ.» ئىلى ئوبلاستىغا كۆپ قېتىم كەلگەن دۇڭ جاۋخې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم كېلىپ ھېس قىلغان ئەڭ گەۋدىلىك ئۆزگىرىش شۇ بولدىكى، ئىلى ئوبلاستىدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم ئىكەن، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ سانائەت ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشىپتۇ».

چىڭسىخوزىنىڭ 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ھەرقايسى تۈر قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا كىرگەندە، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرگەن، ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتقان، ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، 1 - تۈركۈمدە 14 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 33 نۇقتىلىق تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ھەر قايسى تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ.

«بۇ يىل سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈش، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قورغاس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خاۋ جيەنمىن تونۇشتۇرۇپ.

«ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستىدا ھېچقانداق سانائەت يوق ئىدى، پەقەت كۆن - خۇرۇم پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشلا بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ چوڭ تىپتىكى كارخانىلار قورغاستا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتتى.» تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، دۇڭ جاۋخې مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستىدىكى ئۆزگىرىشلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلىگەنلىكىدىن كەلگەن.

پېشقەدەم كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.