تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بەخت ئۆتىڭى» كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

ئالتاي ۋىلايىتىدە:

«بەخت ئۆتىڭى» كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ جۈنشيۇ

«چارۋا بېقىش ناھايىتى جاپالىق، ھېلىمۇ ياخشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە <بەخت ئۆتىڭى> تەسىس قىلىپ بەردى.» 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قابا ناھىيەسىنىڭ جايىلما يېزىسىدىكى چارۋىچى مۇرات تۇرسۇنبېك خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز كۈندۈزى چارۋا باقىمىز، مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا بار، پاكىز، قولايلىق. كەچتە چارۋىچىلىق ئىشخانىسىغا بارساق، ئېلېكتىر چىراغ بار، يەنە ئۆيدىكىلەر بىلەن يان تېلېفوندا سۆزلىشەلەيمىز».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش مەزگىلىدە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالىشى، توك ئىشلىتەلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن پائال ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، «بەخت ئۆتىڭى» قۇرۇلۇشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «مىڭ چاقىرىملىق چارۋا يولىدىكى بەخت ئۆتىڭى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق ياراتتى.

«ئىلگىرى بىز ئوتلاق كۆچكەندە ئارام ئالماقچى بولساق ئوتلاقتا بىردەم يېتىۋالاتتۇق، يەر ھەم سوغۇق، ھەم نەم ئىدى، يەنە پاكىز ئەمەس ئىدى. ھازىر ئۆتەڭ بولغاچقا، يۇيۇنۇش، توك ئىشلىتىشىمىز ناھايىتى قولايلاشتى» دېدى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى قاراچوققا كەنتىدىكى چارۋىچى گاۋسار ئايقىن «بەخت ئۆتىڭى»نى ئالقىشلاپ.

توست يېزىسىدىكى «بەخت ئۆتىڭى» ئالالدىكى يازلىق ئوتلاققا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 500 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، داۋالاش ئۆيى، مونچىخانا، مال دوختۇرلۇق ئۆيى، يىغىن زالى، ئارام ئېلىش ئۆيى تەسىس قىلىنغان ھەم خىزمەتچى خادىملار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. توست يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۆلدىر ماقسات مۇنداق دېدى: «بەخت ئۆتىڭىدە نان، كۆمۈر، دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالار تەييارلانغان بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ تىنچ - ئامان ئوتلاق كۆچۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ».

مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتى ھەرقايسى جايلاردىكى ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق ئىشخانىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا، چارۋا قوتىنى قۇرۇپ، ئوتلاق كۆچىدىغان چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلغان. ھازىرغىچە، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 132 «بەخت ئۆتىڭى» قۇرۇلغان.

«بىز يەنە <بەخت ئۆتىڭى> ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدۇق» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سەي ۋېيۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.