تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 100 مىليون جىڭ ئاشتى

يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 100 مىليون جىڭ ئېشىپ، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان. يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىگەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىزنى يۇقىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مايىللىشىشىغا پائال تۈرتكە بولدى، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنىڭ ئازايماسلىقى، ھوسۇلنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى تېخنىك خادىملارنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 89 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.2 ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، ھوسۇل 6 مىليون 281 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئېشىپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە 11 مىليون 538 مىڭ 900 مو يەردىكى بۇغداي يىغىۋېلىنىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2 مىليون 30 مىڭ مو ئېشىپ، بۇغداينىڭ يىغىۋېلىنىش نىسبىتى %77.88كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 11 مىليون 164 مىڭ 600 مو يەردىكى كۈزگى بۇغداي يىغىۋېلىنىپ، يىغىۋېلىنىش نىسبىتى %90.37 بولدى؛ 374 مىڭ 300 مو يەردىكى يازغى بۇغداي يىغىۋېلىنىپ، يىغىۋېلىنىش نىسبىتى %15.2 بولدى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار تېرىقچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يازلىق تېرىقچىلىق خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتتى، ئېڭىزغا تېرىلغان تۈرلۈك زىرائەت كۆلىمى 8 مىليون 273 مىڭ 600 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1 مىليون 461 مىڭ مو ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئېتىزلاردىكى ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.