تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاق قۇ كۆلى بويى ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

8 - ئايدا، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، يىلان قوۋۇرغا تېغىدىكى مۇزلۇقنىڭ ئېرىگەن سۈيى ماناس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق دەريا ئېقىنى − ماناس دەرياسىغا قويۇلىدۇ.

دەريا سۈيى ماناس ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۈزلەڭلىككە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىپ، نۇرغۇن كۆل، سۇ ئامبىرى ۋە سازلىقنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەردە، دەريا ئېقىنى يەنە سۇلۇق يەرگە ئايلانغان، مانا بۇ، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى.

ماناس ناھىيەسىدىكى شەرق تەرىپى سۇلۇق يەر باغچىسىغا، غەرب تەرىپى ماناس دەرياسىغا تۇتىشىدىغان لەنجوۋۋەن بازىرىنىڭ باجياخۇ كەنتى دەل ئوتتۇرىغا جايلاشقان.

«باجياخۇ كەنتىمىز ئاق قۇ كۆلى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق سۇلۇق يەر ماكانى» دېدى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى باجياخۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لاڭ تۇڭشېڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

كىچىكىدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن لاڭ تۇڭشېڭ كەنت ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: سۇلۇق يەر باغچىسى دۇنيادىكى پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان 3 - نومۇرلۇق لىنىيەگە جايلاشقان بولۇپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ مۇھىم ماكانى ۋە كۆپىيىش ئورنى، ھەر يىلى نەچچە مىليون پەسىل قۇشى بۇ يەردە توختىغاندىن كېيىن جەنۇبقا كۆچىدۇ ياكى شىمالغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا، كەنت ئەتراپىنىڭ ھەممىلا يېرى سۇلۇق يەر ئىدى، سۇ قۇشلىرى توپلىشىپ، ئاققۇلار پەرۋاز قىلاتتى. كېيىن، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن سۇلۇق يەر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ كېۋەزلىككە ئايلاندى، سۇلۇق يەر كۆلىمى زور دەرىجىدە ئازايدى، سۇ قۇشلىرىنىڭ تۈرى ۋە سانىمۇ زور دەرىجىدە ئازايدى.

2011 - يىلى، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلدى. ناھىيە «تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سىياسەت تۈزۈش ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلارنى سۇلۇق يەر دائىرىسىدىكى تېرىلغۇ يەر، ئوتلاقلاردىن چېكىنىپ چىقىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن، لاڭ تۇڭشېڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەينى يىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىدىن سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى، مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ كۆلىمى دەسلەپكى 90 مىڭ مودىن 170 مىڭ موغا كۆپەيدى، سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار 300 خىلدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يەردە ماكانلىشىپ قىشلايدىغان ئاققۇلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا مىڭدىن ئاشتى. 2020 - يىلى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

لاڭ تۇڭشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇشۇ يىللاردا، سۇلۇق يەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، باجياخۇ كەنتى ئىككى «چوڭ ئىش»نى قىلدى.

بىرىنچى «چوڭ ئىش» شۇكى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇردى.

2017 - يىلىدىن باشلاپ، باجياخۇ كەنتى دۆلەت تۈرى ۋە ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ قوللىشى بىلەن، كەنت بويىچە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا باشلىدى، كەنتنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلدى.

«بىزنىڭ نىشانىمىز كەنت گۈزەل، كەنت ئاھالىسى باي، كەنت ئىستىلى ياخشى، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىش.» لاڭ تۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: كەنت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنت يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، تۇرمۇش يۇندىسى تۇرۇبا تورى ياتقۇزۇش ۋە يۇندى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى قۇرۇشنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇيجوۋ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى بىرتۇتاش ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە مەنزىرە سۇ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ ئۆستۈرۈپ، يېشىل ئىستېرېئولۇق مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

2019 - يىلى باجياخۇ كەنتى يېڭىلىق يارىتىپ تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىشنى كېڭەيتىپ، جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، كەنت تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ، مىقدارىنى ئازايتىپ، بايلىقلاشتۇرۇپ، زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. كەنت ئەخلەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، «ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزدى، كەنت ئاھالىلىرى ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ مەركەزلەشتۈرۈپ تاشلىسا جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ، جۇغلانما نومۇرنى تاۋارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

«ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭى كۈچەيدى، ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار كەنت ھازىر ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئايلاندى» دېدى كەنت ئاھالىسى گاۋ خېدې.

2019 - يىلى، باجياخۇ كەنتى «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى» ۋە «مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ باھالاندى.

«كەنتنىڭ قىياپىتى گۈزەللەشتى، بىز قىلغان ئىككىنچى <چوڭ ئىش> يېزا ساياھىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولدى» دېدى لاڭ تۇڭشېڭ.

ئىلگىرى، باجياخۇ كەنتىدە ئاساسلىقى كېۋەز تېرىلاتتى، كەسىپ ھالىتى بىرقەدەر يەككە ئىدى. پاختىنىڭ بازىرى ياخشى بولمىغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايتتى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، قوشنا بولغان دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باجياخۇ كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنى پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. كەنت پۇقراۋى قونالغۇ تەرەققىياتى بويىچە مۇكاپات - تولۇقلىما مەبلىغى تەسىس قىلىپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەربىرىگە 10 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيە بازىرىدىن يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، كەنتتە پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە بەلگىلىك كۆلەمدىكى پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دېھقانلار ئارامگاھى تەرەققىي قىلىپ بەشكە يەتتى، «چياۋ جەمەتى قورۇسى» «پىنمىڭ ھويلىسى» قاتارلىق پۇقراۋى قونالغۇلار سۈپەتلىك ماركا بولۇپ شەكىللەندى.

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىدە ئويغىنىش بولدى، ھەممىسى ساياھەتكە تايىنىپ بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان بولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى پەن شېڭخۇ.

ئالدىنقى يىلى، پەن شېڭخۇ ئۆزىنىڭ قورۇسىنى يېمەك - ئىچمەك ئاپپاراتىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشىغا ئىجارىگە بېرىپ، ھەر يىلى 25 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىشلىدى.

باجياخۇ كەنتى پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقا، يەنە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىگىمۇ كۈچ سەرپ قىلدى.

كەنتتە شىدى يۈەننۇڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا - ئارانلاردا يېشىل كۆكتات تېرىش، يېشىل ئۆي قۇشلىرى بېقىشقا يېتەكلىدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش ئارقىلىق، باجياخۇ كەنتىنىڭ خاس مول سېلىنلىق يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسىنى ياراتتى. بۇلتۇر، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى جەھەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەن ئاشتى.

2020 - يىلى، كەنت ئاھالىسى ما يۆئې ئۆز ھويلىسىدا يېشىل كۆكتات تېرىپ 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۇ يىل، ئۇ ھويلىسىدا پەسىل تاللىماي نەچچە خىل كۆكتات تېرىدى. «ساياھەتچىلەر يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، كەنتكە كېلىپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ھازىر، بىز ئۆيدە ئولتۇرۇپلا كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇق» دېدى ما يۆئې.

لاڭ تۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى داڭقىنى ئاڭلاپ باجياخۇ كەنتىگە كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىدىغان، پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلىدىغان، دېھقانلارنىڭ تامىقىنى يەپ، مول سېلىنلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان بولدى. 2020 - يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 800 يۈەنگە يەتتى.

■ سۆز ھەممىگە

ياخشى ئېكولوگىيە ياخشى كۈن ئېلىپ كەلدى

□ لاڭ تۇڭشېڭ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باجياخۇ كەنتى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسىگە تايىنىپ، «كەنت گۈزەل بولۇش، كەنت ئاھالىلىرى باي بولۇش، كەنت ئىستىلى ياخشى بولۇش»نى نىشان قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى كۆپىيىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش بىلەن بىللە، كەنت يەنە كەسىپلەرنىڭ «ئىچكى خاس مەزمۇنى»نى پائال كېڭەيتتى. كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىنغان ياخشى مەنزىرىلەرگە تايىنىپ، كەنت ئارقىلىق مەنزىرە توپلاپ، مەنزىرە ئارقىلىق كەسىپ توپلاپ، كەسىپ ئارقىلىق بايلىق توپلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. كۆپچىلىك ياخشى كۈنلەرنىڭ دەل يېشىل تاغلار، سۈزۈك سۇلار ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.