تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 ئاشتى

قورغاس پورتىدا يىغىلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى (6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تىزگىنەكلەك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قورغاس، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ 2021 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 65 مىليارد 870 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 ئاشقان، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.4 ئاشقان، تاشقى سودىدا مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كۆرۈلگەن.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 50 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئېشىپ، ئېكسپورتتا ئۇدا بەش ئاي ئېشىش ئىشقا ئاشقان؛ ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولغان.

سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئادەتتىكى سودا يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شەكلى ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.6 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %46.5ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ چېگرا ئاز سوممىلىق شەكىلدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %46ىنى ئىگىلىگەن.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تۈزگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قويۇق بولدى، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 56 مىليارد 650 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.1 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %86ىنى ئىگىلىدى؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تۈزگەن دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 660 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.9 ئاشتى.

ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ماشىنا - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 22 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.2 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %44.7 ىنى ئىگىلىگەن؛ ماشىنا - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.7 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %32ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودىسىدىكى ئاساسىي قوشۇن ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 54 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.6 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %82.3ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 46 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.2 ئاشتى؛ ئىمپورت 7 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بىردەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.