تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 32 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 32 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ، ئىرادە، جاسارەت، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم، ماددىي ئەشيا جەھەتتە تەڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى چىڭ، جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتىدا پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا خېسۈەن تەكشۈرۈشى قىلىش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى چىڭىتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا، سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىرتەرەپ قىلىش بويىچە يۆتكەش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي پۇختا قۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 32 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، قىسىمنىڭ ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي تۈردە قىسىمنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللايدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈرلەرنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى ۋە كەسىپ سىياسىتىنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كەسىپ ۋە تۈرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ تاللاپ، قۇرۇلما ۋە ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس تەييارلاشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم كۆرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، سېلىنما تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئامىل تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈم - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاسىتە - شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.