تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«كەسىپ + قىياپەت» تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ، مانا بۇ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى  ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1400 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 320 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن، ئويلاپ يېتەلەمسىز؟ شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسىدە مانا مۇشۇنداق كۆلىمى زور زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر پەن-تېخنىكا باغچىسى بار.

  مۇھىتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، كەسىپلەر باغچىسى يېشىل، ساغلام، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان.

   ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك كۆڭۈل ئېچىش بوشلۇقى، ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى مەركەزلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان تەبىئىي ئوكسېگىنخانىنى شەكىللەندۈرگەن.

  مەززىلىك تائاملار-كاۋاپ رايونى، قەھۋە-كىتابخانىسى، كادىڭ ئاپتوموبىللىرى، تۇپراقسىز يېتىشتۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق ھېس قىلىش رايون تىپىدىكى ئېكولوگىيەلىك يېشىل كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى بار.

 ئۇ يەنە ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىلى بولۇپ، باغچە رايونى يەنە «تەتقىقات-ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ھېس قىلىش، تەربىيەلەش» مەركەزلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى يېزا-قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچراشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىلىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئۇ يەنە «خوتەنلىكلەرنىڭ  ئارقا ھويلىسىدىكى باغچە». قۇياش نۇرى باغاشلىغان يامغۇرلۇق ئورمان، خۇددى بالىلار چۆچىكى «يېشىل دالىدىكى پەرىشتە ئىزى»دىكى دۇنيادەك، سىز خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز، خالىغانچە تارتقان سۈرەتلىرىڭىزمۇ خۇددى كىنو فىلىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدەك گۈزەل.

  رومانتىك گۈلچىمەنلەر، سۈرلۈك ئاگاۋا گۈلى، قىزغىن بىرازىلىيە گۈزىلى، ھەيۋەتلىك ئوتتۇرا شەرق خورمىسى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سىرلىق جايدا يىلتىز تارتقان.

  باغچىدىكى گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەرنىڭ سورتى 1-دەرىجىلىك كۆكەرتىش تەلىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «خوتەنلىكلەرنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى باغچە»دەپ تەرىپلەنگەن.

  يېزا-قىشلاق ئۇسلۇبىدىكى قەھۋە-كىتابخانىسى توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلانغان بولۇپ، ئورمان ئوكسېگىنخانىسىغا تېخىمۇ نەپىسلىك ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلىغان، بىرنەچچە دوستلىرىڭىز بىلەن ياكى ئۆزىڭىز يالغۇز جىمجىت ئولتۇرۇپ، ياخشى كۆرىدىغان كىتابتىن بىرەنى ئوقۇسىڭىز، بىر ئىستاكان قويۇق دەملەنگەن قەھۋە ئىچسىڭىز، يازنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز.

  كەسىپلەر باغچىسىدا يېزا ئىگىلىك، ئېكولوگىيە ۋە ساياھەتچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېزا-قىشلاق مەنزىرىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا جەلپ قىلىدۇ.

  قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە مۇشۇنداق يېشىل كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىدىن خۇشال بولدىڭىزمۇ، بېرىشقا تەقەززا بولۇۋاتامسىز؟  ئۇنداقتا تېز كېلىڭ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.