تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن، مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى

− ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چۈ تىڭ، چېن سۇڭ

«قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن، مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى ...» «پىدائىيلار مارشى»غا بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان تارىخىي ئەسلىمىسى ئويۇلغان.

1931 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرى نومۇسسىزلىق بىلەن «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنى قوزغىغاندىن باشلاپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، 14 يىل قانلىق كۈرەش قىلىپ، غايەت زور قۇربان بېرىش بەدىلىگە يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، جەمئىيەت سەپەرۋەرلىكىنىڭ كەڭلىكى، مىللەت ئويغىنىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەيسەرلىكى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنىڭ چىڭلىقى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى يېتىلدۈرۈپ، دۇنياغا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان مىللەت غۇرۇرى، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئېگىلمەس - سۇنماس، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى نامايان قىلدى.

«پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش»:

ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مىسلىسىز قوزغىتىلدى

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، ئەينى يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرا سەنشى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شياۋسى ئىنىسىغا يازغان بىر پارچە سالام خەت كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى. سالام خەتتە مۇنداق يېزىلغان: «<ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى> بىزنىڭ ئۇلۇغ ئانىمىز، ئۇ يېڭى جۇڭگو، يېڭى مىللەت، يېڭى خەلقنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتىدۇ».

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلغان 14 يىلدا، بىر ئاۋاز باشتىن - ئاخىر ئويۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى −

«بىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلگەن تولۇق مىللىي ئىنقىلابىي ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز ياكى بۇنى ئومۇميۈزلۈك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى دەپ ئاتايمىز. چۈنكى مۇشۇنداق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىلا ئاندىن ئامما ئۇرۇشى بولىدۇ، ئاندىن ۋەتەننى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ».

كەسكىن ۋەزىيەتتە خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك مەزمۇت تۇرۇپ جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغاتتى؛ «400 مىليون ئادەم كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن بىردەك غەيرەتكە كېلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جەڭگە ئاتلىنىپ»، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىي زور ئېقىنىنى شەكىللەندۈردى.

تىز پۈكمەس كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىغا، كوممۇنىستلار، مىللەت ئوغلانلىرىنىڭ ئائىلە، دۆلەت ئۇلۇغ ئىشلىرىغا بولغان ساپ قەلبى پۈتۈلگەن −

«بالام نىڭ ئېر! سېنىڭ تېزرەك چوڭ بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئاناڭنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!» بۇ، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 3 - جۈن 1 - شى 2 - تۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى جاۋ يىمەن ياپون ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، مەردانىلىك بىلەن قۇربان بولغان چاغدا گۆدەك ئوغلىغا قالدۇرغان ۋىدالىشىش خېتى.

«مەن جۇڭگولۇق، ئوغلۇمنى 8 - ئارمىيەگە ئۆزۈم ئەۋەتكەن. تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش خام خىيال.» 8 - ئارمىيە 3 - زۇڭدۈيى خۇيزۇلار تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانى ما بېنجەينىڭ ئانىسى بەي ۋېنگۇەن ياپون ئارمىيەسىنىڭ تەھدىت سېلىشىدىن قورقماي، ئاچلىق ئېلان قىلىپ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى قۇرۇش، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، دۈشمەن ئارقا سېپىدە جەڭ مەيدانى ئېچىش، خەلق ئاممىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغاش ۋە قوراللاندۇرۇش ... جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈچلەر ئىچىدىكى مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداشتا ئەڭ قەتئىي، مىللىي مەنپەئەتنى قوغداشتا ئەڭ كەسكىن، سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ باتۇر بىر توپ كىشىلەرگە ئايلاندى.

دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى شۆيۈەنى ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇ جيەن مۇنداق دېدى: ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈلپەت ئېڭى، دۆلەت قارىشى، مىللەت ئېڭى ئۈزۈل - كېسىل قوزغىتىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىگە تىرەك بولۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىي ئۇلۇغ ئېقىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

«جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش»:

مىللەت غۇرۇرى مەردانە «ئۆلمەيدۇ»

1938 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جەڭ مەيدانى فوتوگرافى روبېرت كاپا ۋۇخەن كوچىسىدا بىر پارچە سۈرەت تارتقان بولۇپ، سۈرەتتە خەلق ئاممىسى بەس - بەستە بايراق كۆتۈرۈۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بايراققا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان: «ئۆلمەيدۇ!» دېگەن خەت يېزىلغانىدى.

ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان مىللەت غۇرۇرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەردانە، تەسىرلىك مەنىۋى مەردانە ناخشىسىنى پۈتتى.

1937 - يىلى «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى پارتلىدى، شۇ يىلى 8 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى 8 - ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى زو چۈەن جۇ دې، پېڭ دېخۇەيلەر بىلەن بىللە قىسىمنى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن شەرققە ئۆتۈپ، شىمالىي جۇڭگوغا يۈرۈش قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى ئاچتى.

«ئانا: ياپون قاراقچىلىرى دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلىپلا قالماي، نەسلىمىزنىمۇ قۇرۇتماقچى، دۆلەت مۇنقەرز بولۇش، نەسىل قۇرۇش خەۋپى ھەربىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بېشىغا كەلدى ... بىزمۇ شىمالىي جۇڭگو خەلقى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشقا بەل باغلىدۇق، مەيلى دۈشمەن قانداقلا ھۇجۇم قىلسۇن، بىز خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا قايتىپ كەلمەسلىككە تەييارلاندۇق» دېدى زو چۈەن ئانىسىغا يازغان خېتىدە.

100 تۇەن ئۇرۇشى، خۇاڭيادۇڭنى قوغداش ئۇرۇشى، دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ... 1942 - يىلى ياپون قاراقچىلىرى ئېلىپ بارغان چوڭ «تازىلاش»تا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ يۆتكىلىش جېڭى داۋامىدا، زو چۈەن بەختكە قارشى قۇربان بولغان. يەتتە يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى ئاندىن ئوغلىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلگەن.

1937 - يىلى، سىچۇەن ئەنشيەن. ياش ۋاڭ جيەنتاڭ ئارمىيەگە قاتنىشىپ، دۈشمەننى يوقۇتۇشقا ئاتلاندى، ئۇنىڭ دادىسى ۋاڭ جېچېڭ جەڭگە ئاتلانغان ئوغلىنى ئۇزاتقاندا ئۇنىڭغا ئاق رەختتىن تىكىلگەن بىر بايراق بەردى، بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا «جان پىدا قىلىش» دېگەن خەت يوغان يېزىلغانىدى، سول تەرىپىگە كىچىك خەتلەر بىلەن: «بىر بايراق بەردىم، ھەر ۋاقىت يېنىڭدىن ئايرىما، يارىلانغاندا قېنىڭنى سۈرت، قۇربان بولغىنىڭدا ئۈستۈڭنى يېپىشقا ئىشلىتەر...» دەپ يېزىلغانىدى.

سۇڭخۇ بىرلەشمە جېڭى، ۋۇخەن بىرلەشمە جېڭى، چاڭشانى قوغداش جېڭى، خېڭياڭنى قوغداش جېڭى... تاجاۋۇزچىلار بېسىپ كىرگەن ھەربىر قەدىمى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى؛ سەنشى - چاخار - خېبېي، خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن، خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي... دۈشمەن ئارقا سېپىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنىڭ بىر - بىرلەپ قۇرۇلۇشى تاجاۋۇزچىلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلدى.

جۇڭگو ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ھەربىي ئىشلار تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لو يۈەن مۇنداق دېدى: مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر بولسۇن، مەيلى مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ياكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە بولسۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىدىغان خەلق ئارمىيەسى، ئىتتىپاقلاشقان، تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلقى بىزنىڭ بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئىشەنچىمىز، كۈچىمىز.

«باشتىن - ئاخىر سادىق بولىدىغان ئىرادە»:

قەھرىمانلىق جاسارىتى تارىخىي داستاننى پۈتتى

«كاللىمىز كەتسىمۇ، ئىسسىق قېنىمىز تۆكۈلسىمۇ مەيلىكى، باشتىن - ئاخىر سادىق بولۇش ئىرادىمىز ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ.» مۇشۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 1 - يول ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى قوشۇمچە جېڭۋېيسى ياڭ جىڭيۈ قىسىمنى باشلاپ ياپون ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيە بىلەن چاڭبەيشەن تېغى بىلەن خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ئارىسىدا جەڭ قىلىپ، 1940 - يىلى 2 - ئايدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 35 ياشتا ئىدى. ئۇ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرىپ، ئاشقازىنىدا پەقەت قۇرۇق ئوت - چۆپ، دەرەخ قوۋزىقى ۋە پاختا تالاسىلا بارلىقىنى بايقىغان.

1941 - يىلى 8 - ئايدا، ياپونىيە ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيە سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونىغا مىسلىسىز كۆلەمدە چوڭ «تازىلاش» ھۇجۇمى قوزغاپ، شۇ يىلى 9 - ئايدا يىشيەن ناھىيەسىدىكى لاڭياشەن تېغىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بەش نەپەر 8 - ئارمىيە جەڭچىسى دۈشمەنگە قەيسەرلىك بىلەن توسۇپ زەربە بەردى، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى ئېتىپ تۈگەتتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال گىراناتنى تاشلاپ بولدى، دۈشمەنگە قارىتىپ تاش ئاتتى... ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق پەيتتە، ئەزىمەتلەر ئۆلگۈچە تىز پۈكمەي، قورال - ياراغلىرىنىڭ ھەممىسىنى پاچاقلىۋېتىپ، تىك ياردىن سەكرىدى...

ئەنخۇينىڭ ۋۇخۇ شەھىرىدىكى جېشەن تېغىدا جۇڭگو يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ داڭلىق جياڭجۈنى دەي ئەنلەن جياڭجۈننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان. 1942 - يىلى 3 - ئايدا، دەي ئەنلەن قىسىمنى باشلاپ بىرمىغا بېرىپ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ خوتۇنىغا يازغان خېتىدە: «ۋەتەن ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلۈش ئىنتايىن شەرەپ» دەپ يازغان. شىددەتلىك تۇڭگۇنى قوغداش جېڭىدە، دەي ئەنلەن قىسىمنى باشلاپ دۈشمەن بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، 800 كىشى قۇربان بولۇش بەدىلىگە، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 20 نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ 4000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، 400 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئەسىرگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەن. جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەي ئەنلەن چېكىنىش جەريانىدا دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلىنىپ، ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 38 ياشتا ئىدى.

«گەر تاجاۋۇز قىلسا چەت ئەل، توسقاي خەلق دەلمۇدەل، ياڭرىتىپ جەڭ مارشىنى ئاتلاندى جياڭجۈن جەڭگە دەل. ماشىنىلاشقان قوشۇنىنىڭ شى دەپ نامى بار، ۋەھشى دۈشمەن ھەيۋىسىنى پاچاقلايدۇ ھەر مەھەل. جان تىكىپ دۇڭگۇانى قوغداپ، دۈشمەننى سەرسان ئەيلىدى، قوغلاپ سۈرۈپ ئالۋاستىنى تاڭجىنى بىر پەس ساقلىدى. جەڭگاھتا ئەھۋال ئۆزگىرىپ، جياڭجۈن شۇئان تاپتى قازا، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىش ئىرادىسىنى ئاقلىدى.» ماۋ زېدۇڭ دەي ئەنلەن ئۈچۈن مەرسىيە يېزىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى بۇ مەشھۇر جياڭجۈن، مىللىي قەھرىمانغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن.

بىر سۇڭ زېمىن بىر تامچە قان، بىر ئوچۇم مۇنبەت تۇپراق بىر ئەۋلاد روھ! 400 مىليون جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزى زوراۋانلىقتىن قورقماي، ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى تەڭداشسىز قەھرىمانلىقنىڭ شەرق تارىخىي داستانىنى يېزىپ چىقتى.

«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش»:

ئېتىقاد «ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە»گە ئېرىشتۈردى

«جۇڭگو مۇنقەرز بولامدۇ؟ جاۋاب: مۇنقەرز بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە جۇڭگونىڭ. جۇڭگو تېز غەلىبە قىلالامدۇ؟ جاۋاب: تېز غەلىبە قىلالمايدۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش».

1938 - يىلى 5 - ئاي، شىمالىي شەنشى يەنئەندىكى گەمىدە، ماۋ زېدۇڭ «دۆلەت مۇنقەرز بولۇش سەپسەتىسى» «تېز غەلىبە قىلىش سەپسەتىسى» نىڭ قويۇق تۇمانلىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئالدىن كۆردى.

ئېگىلمەي - سۇنماي، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى كەڭ جۇڭگو زېمىنىدا قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يۈكسەك ئىرادە ۋە ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتتى −

يەنئەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسى قۇرۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دېموكراتىزمنى مەزمۇن قىلغان جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى، يەنئەن ئەينى چاغدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس جايغا ئايلىنىپ، توپ - توپ مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى يىغدى؛

يۈننەن كۇنمىڭدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قۇرۇلغان غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسىنىڭ ئۆگزىسى قاڭالتىر بىلەن يېپىلغان، سېرىق توپا تاملىق دەرسخانىلىرىدا، قۇلاقنى يارغۇدەك ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ۋە ياپون قاراقچىلىرىنىڭ بومباردىمانلىرى ئىچىدە، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان ئۇستاز، ئالىملار يېتىشىپ چىقتى؛

1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جياڭسۇ نەنجىڭدە، ئەينى يىلى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغان شەھەر ئاھالىلىرى غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان تارىخىي پەيتكە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى...

«ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولۇپ، دۈشمەننىڭ توپ - زەمبىرەكلىرىگە قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيلى!...» جۇڭگو خەلقى قەيسىرانە جاسارەت بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇرۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە ئاتلىنىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك قەھرىمانلىق تارىخىي داستانىنى پۈتتى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلەيدىغان تارىخىي پەيتتە تاۋلاندى، نۇرلاندى؛ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن «پىدائىيلار مارشى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىغا ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىدە ياڭرىدى.

جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، قەدىمىي جۇڭگونىڭ سۇمۇرغ ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەڭگۈ رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.