تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى 1 - پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى، ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

شۈ خەيرۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش؛ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش؛ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى تاۋلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش؛ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، خاتىرجەم بولىدىغان شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.