تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي نەتىجە يارىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ يەنىمۇ كۈچەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئاچتى

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي نەتىجە يارىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ يەنىمۇ كۈچەش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەركەزلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئارقىلىق، ئىدىيەنى تاۋلاش، مەنزىلنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، مول ھاسىلاتقا ئىگە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتىمىز.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مەنىسى يۈكسەك ۋە چوڭقۇر، مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، سىستېمىسى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور ئىدىيەسى، چىقارغان مۇھىم، زور ھۆكۈمى، شەرھلىگەن مۇھىم، زور قارىشىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا تاۋلاپ شەكىللەندۈرگەن قانۇنىيەتلىك تونۇش بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ھەم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ھەم بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز، پارتىيە تارىخىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىزنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەقىقىي ئۆگىنىپ ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىپ ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىغا كۈچ قوشۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.