تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئاچتى

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مەركەزلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتۇق. كېيىنكى قەدەمدە، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي ئۆلچەم بويىچە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەقىقىي ئۆگىنىپ ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىپ ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل، چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.