تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ھەم قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ھەم قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى خۇلاسىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، تەلىپىنى تۈرلۈك مەمۇرىي پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەش كېرەك. مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى ھەم مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش، دەلىللەش، جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق يانداش تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق چېكى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بېكىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى يېتەكچى يۆنىلىش قىلىپ، قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىقلارنى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدە ئەمەلىي قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل پىلانلىشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەر قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشتىكى «باشلامچى»لىق ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەم ئۇنىڭ تارماقلىرى نازارەت قىلىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگىلىك رايون، دېگەن نامغا ئېرىشكەن قاراماي شەھىرىگە ۋىۋىسكا تارقىتىپ بېرىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.