− يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم «سىياسىي ۋىرۇس»نى تازىلاش كېرەك
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئالاقىدار پالاتا ئەزالىرى ئاتالمىش «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتى»نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. كونا مۇقام تەكرارلانغان بۇ دوكلاتتا، ئاتالمىش «جۇڭگو تەجرىبىخانىسىدىن ۋىرۇس چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»دىن ئىبارەت ئۇچىغا چىققان يالغان-ياۋىداق سۆز داۋاملىق بازارغا سېلىندى، لېكىن ئۇنىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تىرىكى يوق، ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئىلمىيلىكىدىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. قىلچە ئەخلاق تۆۋەن چېكى بولمىغان بۇ خىل رەزىل قىلمىش يەنە بىر قېتىم شۇنى بىلدۈردىكى، سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش ئۈچۈن ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئەس-ھوشىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
نۆۋەتتە، دېلتانىڭ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى پۈتۈن يەر شارىدا تېز سۈرئەتتە يامراپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 200 مىليونغا يېقىنلاشتى؛ ئامېرىكىدا ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى سانى، كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىق مىسالى سانى، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى سانى قاتارلىق يۇقۇم يادرولۇق كۆرسەتكۈچلىرى ئېغىر دەرىجىدە قايتا باش كۆتۈردى. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى بىلەن كارى بولماي، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامىنى بۇلغاش، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قوراللاشتۇرۇش بىلەن ھە دەپ شۇغۇللىنىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە تەلەپچانلىقىغا ئېغىر كاشىلا قىلدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەمكارلىقى چوڭ ۋەزىيىتىگە ئېغىر كاشىلا قىلدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ۋىرۇسنىڭ «قولچوماقچىسى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلارنى ھەتتا خەۋپى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان «سىياسىي ۋىرۇس» دېيىشكە بولىدۇ، بۇ خىل قىلمىش ھەم ئەخلاقسىزلىق، ھەم كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ، پەقەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتتە 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پۈتۈن يەر شارىدىكى نۇرغۇن نۇقتا، نۇرغۇن جايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت ئامېرىكىدىلا ئاز دېگەندە بەش ئىشتاتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۇنجى ئاغرىق مىسالىنى دوكلات قىلغان ۋاقىتتىن بۇرۇن بولغان. بۇ يەنە بىر قېتىم شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىر مۇرەككەپ ئىلمىي مەسىلە بولۇپ، يەر شارىۋى نەزەر دائىرىنى ئاساس قىلىپ، يەر شارىۋى ئالىملار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار يەنىلا ئىلىم-پەن ۋە پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىپ، سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا مەپتۇن بولۇپ، «يەكۈننى كۆتۈرۈۋېلىپ ئىسپات ئىزدەپ»، «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش» بىلەن ھە دەپ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگوغا يوقىلاڭ، تۇتامغا چىقمايدىغان جىنايەتلەرنى زورلاپ تېڭىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. «تەجرىبىخانىدىن ۋىرۇس چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»دىن ئىبارەت ئالدىن تەسىس قىلىنغان مەيدانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئىلىم-پەنگە خىلاپلىق قىلىپ، تەپ تارتماي ئاخبارات تارماقلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى، ھەتتا ھۆكۈمەتكە پۇل خەجلەپ «ئىسپات» سېتىۋېلىش تەكلىپى بەردى. بۇ خىل «مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تېررورىزمى» ئامېرىكىچە زومىگەرلىك تەپەككۇرى ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىنىڭ يەنە بىر ئىزاھاتىغا ئايلاندى.
كىشىلەر شۇنى كۆردىكى، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ توۋلىغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا ئىزچىل پۈتۈن دۇنيادا ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامنى بۇلغايدىغان سەپسەتىلەرنى تارقاتتى. بۇ خىل سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنىڭ مەقسىتى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىدىكى مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى بېسىش، توسۇش ئۈچۈن يەنە بىر باھانە ئىزدىگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەممىلا يەرگە «قارا قولى»نى سۇنۇپ، تەھدىت سېلىش، بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئالىملارنى ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقى، زومىگەرلىكى ئالدىدا باش ئەگدۈرۈپ، «تەجرىبىخانىدىن ۋىرۇس چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»نى قوللاتقۇزۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. تىز پۈكۈشنى خالىمىغان نۇرغۇن ئالىم، زات شۇ سەۋەبتىن جىسمانىي ھۇجۇمغا ۋە تىل ھاقارەت، تەھدىتكە ئۇچرىدى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۆزى چىڭ تۇرغان ئىلمىي مەيدانىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىدىغان، ھە دەپ كەمسىتىش ۋە تەھدىت سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «سىياسىي ۋىرۇس»نى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش كېرەك.
ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە، يالغان-ياۋىداق سۆز ھامان بىتچىت بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇسۇلى ئاللىقاچان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. بىر ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا پۈتۈن يەر شارىدىكى بىرقانچە چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان پۈتۈن يەر شارىدىكى تور ئەھلىنىڭ %80ى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى سىياسىيلىشىپ كەتتى، دەپ قارىغان. ھازىرغىچە، 70 دۆلەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە خەت ئەۋەتىش، بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنى قوغداش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتتىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار، تاراتقۇلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئاممىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنى سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرۇش، پاكىتنى بۇرمىلاشقا مەجبۇرلىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
كىشىلەر 2003-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر بوتۇلكا سوپۇن پاراشوكىنى «دەلىل-ئىسپات» قىلىپ، ئىراقنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. بۇ خىل «سوپۇن پاراشوكى شەكلىدىكى قارا چاپلاش» ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ داغنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر ئامېرىكا يەنە كونا نەيرىڭىنى قايتا ئىشقا سالسا، ئۇنداقتا بۇ ئىلىم-پەنگە قىلىنغان ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھاقارەت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېغىر خاتا ھۆكۈم، دۇنياغا قارىتىلغان غايەت زور ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ قالىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشمۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارغا شۇنى رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمىزكى، پاكىت، ئىلىم-پەن، ھەققانىيلىق ئالدىدا، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق مۇقەررەر كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ. زېھنىي كۈچنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشقا قارىتىپ، يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىدىغان، گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىدىغان ئويۇننى توختىتىش كېرەك، مانا بۇ ئۆز دۆلىتى خەلقىگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى)