تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار يامغۇرى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىلىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەندى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 23-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى

باھار يامغۇرى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىلىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەندى

□ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ نىڭ

شىنجاڭ 7-ئايدا ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى كەڭ تۇپراقتا، ئاپتونوم رايوننىڭ 23-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ يۈرۈشلۈك پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىستىلدا تەلەپچان، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە باشلاپ كىرىپ، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاك-دۇرۇس بولۇشتەك يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئۆگىنىپ ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان «ماي قاچىلاش پونكىتى» ئىش قىلىشتىكى «كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ»نى ئۇرغۇتتى

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى، كوللېكتىپ مۇھاكىمە، مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە، <ئۈچ يىغىن، بىر دەرس>، كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك...» 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 23-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى.

بىر قاتار ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، جانلىق پارتىيە دەرسلىرى، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى، كۆرگەزمە كۆرۈش، تارىخنى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ... ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى» چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەن شۇ ھامان ھەرىكەتكە كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. تەربىيە ئېيى مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ياچېيكىلار مۇھاكىمە قىلىپ چوڭقۇر ئۆگىنىش، خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئىگىلەپ ئۆگىنىش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى «100 يىللىق كۈرەش يولى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق تەدبىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاڭلىقلىقىنى تولۇق قوزغاتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورلىرىنى مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بېرىشكە تەكلىپ قىلدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «لېكسىيە + ئەدەبىيات-سەنئەت» «لېكسىيە + قىزىل كىنو» «لېكسىيە + ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش» قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلەش، ئۆگىنىشنى كەڭ قانات يايدۇردى؛ گۇما ناھىيەسى دەرسخانىنى ئېتىز بېشىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن بىرلىكتە سۆزنى ئۆگەندى، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى؛ چىڭگىل ناھىيەسى پارتىيەلىك كادىرلارنى «قىزىل كىتاب ئوقۇش ئۆيى»گە كىرىشكە تەشكىللەپ، قىزىل گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، ئىشنى ساختا قىلىش، رەسمىيەتچىلىك قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ بۇ، سىناق سوئالغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق تەكشۈرۈلدى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى «قانۇن تەشۋىقاتى لىنىيەسى» ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پارتىيە تارىخى، ئىنتىزام-قانۇن بىلىملىرى بويىچە توردا جاۋاب بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، مەزمۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق نەزەرىيە ۋە ئىنتىزام-قانۇن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈندە، 610 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ۋە ھۆكۈمەت خادىمى سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قاتنىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تارىخنى ئۆگىنىپ ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتەك قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

ئىجابىي تىپ «جانلىق دەرسلىك»، ئىبرەت تەربىيەسى «سەگىتكۈچ» بولدى

قىزىل بايلىق بىر «مەنىۋى مول كان». ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىزىل يەر بەلگىلىرىنى نەق مەيدان دەرسخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ، زامان-ماكان ھالقىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇردى.

بىر مەھەل، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى، قاغىلىق ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار كۆرگەزمىنى كۆرۈپ تارىخ ئۆگىنىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتەك ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش ئاپتونوم رايوننىڭ 23-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى بەس - بەستە قانات يايدۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىكى ئىلغار شەخسلەردىن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مۇنەۋۋەر پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈلگىلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ ئۆگىنىش جەريانىدا ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلىدى.

ئەگەر ئىجابىي تىپنى ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشنىڭ «ئاچقۇچ»ى دېسەك، ئۇنداقتا ئىبرەت تەربىيەسى دائىم ئۇزاققىچە ياڭرىتىلىدىغان «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى»دۇر.

«ئالدىنقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولدى؛ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇزاققىچە ياڭرىتىلىپ، ئىدىيەگە، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى.» «نۇرغۇن تىپىك دېلو مىساللىرى ئەتراپىمىزدىكى <جانلىق دەرسلىك> بولۇپ، كۆڭلىمىزدە قاتتىق ئۆكۈنۈش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزگە بولغان چوڭقۇر سەگىتىش بولدى... » 7-ئايدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار ئارقا-ئارقىدىن 1000دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، نەق مەيداندا ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدۇردى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ماس قەدەمدە كۈچەپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەدلىيە نازارىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن 37 كادىر بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇنقى پاكلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزام، قائىدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىر قاتار ئىبرەت تەربىيەسى فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 19 تىپىك دېلو مىسالى توپلىمى «پۇشايمان خاتىرىسىدىن تاللانما»نى رەتلەپ چىقتى؛ قومۇل شەھەرلىك پاكلىق تەربىيەسى مەركىزى VR مەۋھۇم كۆرگەزمە زالىنى ئېچىۋەتتى، پارتىيەلىك كادىرلار ئۆيىدىن چىقمايلا ئۆزى نەق مەيداندا باردەك ھالەتتە پاكلىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولدى؛ لوپ ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىپ، مۇزاكىرە قىلىش، سېلىشتۇرۇش ۋە قايتا ئويلىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

نادىر پائالىيەتلەرنى «پاكلىققا باغلاپ كۆرۈش» ئارقىلىق، ساپ ئىستىل كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى

«كىچىككىنە بامبۇك سال ئۈزۈپ يۈرەر دەريادا، ھەيۋەتلىك يېشىل تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرار ئىككى قىرغاقتا، بۈركۈتلەر قانات قېقىپ پەرۋاز قىلار بوران - چاپقۇن بولسىمۇ، ئىنقىلابنىڭ ئېغىر يۈكى يۈكلەندى زىممىمىزگە، پارتىيەنىڭ تەلىم-تەربىيەسى ئورناپ كەتتى قەلبلەرگە.» كىلاسسىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئائىلە ئىستىلى ھېكايىلىرى، نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى... تەربىيە ئېيى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «تىيانشاننى قاپلىغان مەيىن شامال، كىلاسسىك ئەسەرلەرگە مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش» يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش، پاكلىق مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق باش تېمىسىدىكى ئىجادىيەت كۆرگەزمىسىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ تۈرلۈك ئەسەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە توپلىغان، ھەم كەيشۇ، شياۋجۇەن، لىشۇ قاتارلىق خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەم سىياھ رەسىم، دېھقانلار رەسىمى، پاكلىققا ئائىت ھەجۋىي رەسىم قاتارلىق سىزما رەسىم ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ياكى پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەدھىيەلىگەن، ياكى بۈگۈنكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلغان ... بۇ ئەسەرلەر قاتلاممۇقاتلام باھالاشتىن كېيىن جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈلۈپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش شەكىللىك بولىدۇ، تەسىر كۆرسىتىش ئۈن-تىنسىز بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بەس-بەستە «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت» نى ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»نى بېيىتتى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. توغرا ئىستىل، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش» كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بويىچە تېلېۋىزىيەدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ خوتەن ۋىلايىتى ئائىلە پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئائىلىدە پاك بولۇشقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسنامىسى ئىمزالىدى؛ قومۇل شەھىرى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى تەشكىللەپ، پۈتۈن شەھەردە پارتىيە ئىستىلى دۇرۇس، ھۆكۈمەت ئىستىلى توغرا، ئائىلە ئىستىلى ياخشى، خەلق ئىستىلى ساپ بولۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى ياراتتى؛ شايار ناھىيەسى «كىچىك قاپاق»ئارقىلىق پاكلىق «چوڭ ئىش»نى قىلدى، مەھەللە ئاھالىلىرى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرىنى قاپاققا نېلۇپەر سىزىپ، «پاكلىق» خېتىنى يېزىش، «پاك شەخس ۋە تىپىك ھېكايىلەرنى سىزىش» قاتارلىقلارغا تەشكىللىدى؛ ئاۋات ناھىيەسى تۈزۈپ باستۇرغان «پاكلىق ئۈچ خەتلىك دەستۇرى» كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.

باھار يامغۇرى ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى. 23 يىل چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇش، 23 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى چىرىكلىكنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىدىيە-ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.