تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» تۈر قۇرۇلۇشى كۈچلۈك تايانچ بولدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا 60 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم»(يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار) ساھەسىدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە 60 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن.

2021-يىلى ئاپتونوم رايون «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈردىن جەمئىي 192نى ئورۇنلاشتۇرغان، ئومۇمىي سېلىنمىسى 984 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، يىلدا 151 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان، ئۇنىڭ ئىچىدە، سۇچىلىق تۈرىدىن 46سى، قاتناش تۈرىدىن 92سى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈرىدىن 34ى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تۈرىدىن 10ى، شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 10ى بار. ئاپتونوم رايون «مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك بولۇشقا تۈرتكە بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ۋاسىتىنى تىرەك قىلىپ سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىپ، دىققەتنى «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، چوڭتاش جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى، ئاقسۇ-ئارال تۆمۈريولى، G579 لىنىيەسى كۇچا-باي-يۇلغۇن تاشيولى، تاشقورغان ئايرودرۇمى، 6-تۈركۈم تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمەت تۈرى قاتارلىق «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» ساھەسىدىكى 50 نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە قۇرۇلۇش تېزلىتىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتى %45تىن كۆپرەك بولغان. قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئىلى-بورتالا-شىخو-فېڭخۇاڭ II750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى يەرلىك تورىنىڭ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش ھەم 5G تورى قۇرۇلۇشى تۈرى، شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي تۈرى قاتارلىق «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» ساھەسىدىكى 24 نۇقتىلىق يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىدە قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.