تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقان ئائىلىلىرى قەرز پۇلى 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

ئالدىنقى ئالتە ئايدا شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇلىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشتى

دېھقان ئائىلىلىرى قەرز پۇلى 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى يېقىندا ئاچقان 2021 - يىللىق يىل ئوتتۇرى خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 381 مىليارد 612 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 29 مىليارد 107 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %8.26 بولۇپ، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولغان.

6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 196 مىليارد 258 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 12 مىليارد 914 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %7.04 بولۇپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ %51ىنى ئىگىلىگەن؛ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلى قالدۇق سوممىسى 140 مىليارد 65 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2 مىليارد 698 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى%1.96 بولۇپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ %37ىنى ئىگىلىگەن؛ دېھقان ئائىلىلىرى قەرز پۇلى 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قالدۇق سوممىسى 102 مىليارد 411 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، خۇالىڭ سانائەت - سودا(گۇرۇھ)چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى 31 باشلامچى كارخانا بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 121 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

«ئائىلىلەرنى كۆپەيتىپ دائىرىنى كېڭەيتىش»نىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى پارچە سېتىش بويىچە بېرىلىدىغان قەرز پۇلنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پارچە سېتىش بويىچە بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 255 مىليارد 539 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 29 مىليارد 57 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %12.83 بولۇپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 5.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24 مىليارد 45 مىليون يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.39 ئاشقان؛ پارچە سېتىش بويىچە بېرىلىدىغان قەرز پۇل ئالغان مۇئامىلىدارلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 313 مىڭ ئائىلە ئېشىپ، دېھقان ئائىلىلىرى قەرز پۇل مۇئامىلىدارلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 293 مىڭ 500 ئائىلە كۆپەيگەن.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش جەھەتتە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى «دەل جايىدا بېرىش، ياخشى باشقۇرۇش، يىغىۋالالايدىغان بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 49 مىڭ 200 مۇئامىلىدارغا 1 مىليارد 536 مىليون يۈەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىلىپ، ساقلانما مىقدار 226 مىڭ 900 ئائىلىگە، 7 مىليارد 617 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.