ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تولۇق دەلىللەش، ھەر تەرەپلىمە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئامانلىق ساقلاش، قاتناش باشقۇرۇش، چېگرادىن كىرىش - چىقىش كەسپىگە چېتىلىدىغان خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق 20 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.
بۇنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلارنىڭ كىنىشكا بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىكى كۆزنەك ئورۇنلىرى ياشانغانلارنىڭ كەسىپ بېجىرىشىنى قوبۇل قىلىش «يېشىل يولى»، مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئالدىن بېجىرىش، ئۆيىگە بېرىپ بېجىرىش ۋە ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ياشانغانلارغا ھەقسىز ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىلدى؛ ھەرقايسى كۆزنەك ئورۇنلار ئېلېكتىرونلاشقان چىقىم قىلىش شەكلى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ كىنىشكا ھەققى تاپشۇرۇشتا قىينىلىۋاتقان ئەھۋالىغا قارىتا، نەق پۇل، بانكا كارتىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى؛ يېتەكلەش خادىملىرىنى سەپلەپ، ياشانغانلارنىڭ ئۇچۇر كىرگۈزۈش، ئاپتوماتىك سۈرەت تارتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى؛ ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارغا قارىتا، مەھەللە خەلق ساقچىسىنى ئۆيىگە بېرىپ نوپۇس، كىملىك كەسپىنى بېجىرىشكە، كىنىشكىنى ئۆيىگىچە ئاپىرىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى؛ ياشانغانلار چېگرادىن كىرىش - چىقىش كىنىشكىسىنى بېجىرگەندە ئەسلىدىكى كىنىشكا سۈرىتىنى تەكرار ئىشلەتسە بولىدىغان قىلدى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى نوپۇس كەسپىنى توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، نوپۇسنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىنى دەلىللەپ تارقىتىش، ناھىيە (شەھەر) ئىچىدە يۆتكەش، ئىسىم - فامىلىسى(ئىسمى)نى ئۆزگەرتىش قاتارلىق 21 تۈرلۈك نوپۇس كەسپىنىڭ پۈتۈن مەشغۇلات جەريانىنى توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشتى. 2021 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاقە تورى ئارقىلىق ئامما ئۈچۈن نوپۇس كەسپىدىن 600 مىڭدىن ئارتۇقى بېجىرىپ بېرىلدى.
ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە ئاھالىلەر كىملىكىنى بېجىرىش شەرتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋەتتى، بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى قىسقارتتى. ئاھالىلەر كىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىش ھەم يوقىتىپ قويۇپ قايتا تولۇقلاپ بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى دۆلەت بەلگىلىگەن 90 كۈندىن 20 كۈنگە قىسقارتتى؛ ۋاقىتلىق كىملىكنى دەرھال ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ئاھالىلەر كىملىكىنى بېجىرىش نۇقتىلىرىدا ۋاقىتلىق ئاھالىلەر كىملىكىنى دەرھال ئېلىش كەسپىنى يولغا قويدى، يەرلىك نوپۇستىكى ئاھالىلەر ۋاقىتلىق ئاھالىلەر كىملىكى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا نەق مەيداندا ئالالايدىغان بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاقە تورى ئارقىلىق ئامما ئۈچۈن ئاھالىلەر كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇپ قايتا تولۇقلاپ بېجىرىش كەسپىدىن 190 مىڭدىن ئارتۇقى بېجىرىلدى.
ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار نوپۇس يۆتكەش، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار نوپۇس يۆتكەش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نوپۇس يۆتكىگەن كىشى پەقەت كۆچۈپ بارغان جايى (تۇرۇشلۇق جايى)دىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئىلتىماس قىلسىلا، كۆچۈپ بارغان جاي بىلەن كۆچۈپ چىققان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەمكارلىشىپ بېجىرىپ بېرىدۇ، كۆچۈپ بارغان جاي بىلەن كۆچۈپ چىققان جاي ئوتتۇرىسىدا قاترىمىسىمۇ بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ مېھمانخانا كەسپى، ھۆكۈمەت تامغىسى ئويۇش كەسپىدىن ئىبارەت ئالاھىدە كەسىپكە ئىجازەت بېرىشتە خەۋەرلەندۈرۈش ۋەدىسى بېرىشنى يولغا قويدى؛ كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئالاھىدە كەسىپلەرنى توردا تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ ھۆكۈمەت تامغىسى ئويۇش كەسپىدىكى مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ھۆكۈمەت تامغىسى ئويۇش ۋە تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشتا «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى؛ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەھەر يوللىرىدا يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلاردا «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى پەسەيتتى؛ ھەربىيلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق ياراتتى؛ چەت ئەل(چېگرا سىرتى)گە چىقىدىغان خادىملارنىڭ قەرەلىنى ئۇزارتىپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق ياراتتى؛ قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى توردا ھاۋالە قىلىشنى يولغا قويدى؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ رەنە ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى؛ قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ئۇچۇرلىرىنى توردا تەكشۈرۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق مۇلازىمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.