ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نەق مەيداندا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى −
مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىش مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىش
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
خەۋەر قىلماي، لىنىيە بەلگىلىمەي، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە بېرىش، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش. 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆت نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئالتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)كە بېرىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى.
تۆت نەق مەيداندا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ بەش جەھەتتىكى مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، خادىملارنى ئۇنىۋېرسال، نۇقتىلىق تۈر، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئالتە گۇرۇپپىغا ئىنچىكە ئايرىپ، ئامما ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا ئىنكاس قىلغان 106 يىپ ئۇچىنى ئېلىپ، «يىپ ئۇچىنى ئېلىپ بېرىش، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىش»تەك يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
نەق مەيدانغا بىۋاسىتە بېرىش مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش
7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، غۇلجا شەھىرىدە، شىمالىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرى ئاچقان باش قوشۇش يىغىنىدا، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشتە مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئالدىن تەييارلانغان بىر دەستە جەدۋەل - ماتېرىياللارنى ئېلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جوۋ دۇڭيا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدىغان ئىلى ئوبلاستىدىكى يىغىنغا قاتناشقان خادىملارغا شۇ كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئاستا بولغان نۇقتىلىق تۈرلىرى، داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يەنە مەركەز سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش داۋامىدا، بىز ئىلگىرىلىشى ئاستا بولغان تۈرلەرگە قارىتا سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، شۇ جاينىڭ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز» دېدى جوۋ دۇڭيا.
شىمالىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوجۇڭمۇ باش قوشۇش يىغىنىدا، ئاساسلىقى «تۆتنى توختاتماسلىق» «سەككىزنى ئۆزگەرتمەسلىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى نەق مەيداندا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپلا قالماي، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.
يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ تىجارەتچىسى ئابدۇسالام مەممەتئىمىن «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا، مەلۇم تۈردە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئۇنىڭ 480 مىڭ يۈەن ماي قاچىلاش پۇلىنى نېسى قالدۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرغاندا، بۇ ئىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. كېيىن ماسلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ «ماي قاچىلاش پۇلىنى تۆلەش كېلىشىمى» ئىمزالىدى، قەرزدار بولغۇچى تەرەپ قەرز قايتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئابدۇسالام بۇ نەتىجىدىن ئىنتايىن رازى بولدى.
ئادەم كۈچى، ۋاقىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشقا كۆپ سەرپ قىلىش
بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ۋاقتى يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلىندى.
قومۇل شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ليۇ ۋېنچىڭ «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا قومۇل پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى «قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»دە بەلگىلەنگەن ئەمەلىي پار ئىشلىتىش كۆلىمىگە ئاساسەن پار بىلەن تەمىنلەش ھەققى ئالمىدى، دەپ ئىنكاس قىلدى.
7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شەرقىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» گۇرۇپپىسىدىكىلەر ليۇ ۋېنچىڭ تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايون كوچا باشقارمىسى، ئالاقىدار تارماقلار ھەم پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ليۇ ۋېنچىڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىدىكى بالكون ۋە كارىدور كۆلىمىنىڭ ئۆي - مۈلۈك گۇۋاھنامىسى كۆلىمىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى، ئەگەر ھۆججەتتىكى بەلگىلىمە بويىچە پار بىلەن تەمىنلەش ھەققى ئېلىنسا، ئىككى قېتىملىق بالكون ۋە پەلەمپەي كۆلىمى ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدى. گۇرۇپپا شۇ جاينىڭ پار بىلەن تەمىنلەش چارىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ھەم كونا پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش بىلەن پەرقلىق بولۇش سەۋەبىنى ليۇ ۋېنچىڭغا چۈشەندۈرۈپ، چۈشىنىش ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ئالاقىدار تارماقلار دەرھال جاۋاب قايتۇردى، قومۇل شەھىرى پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى.
نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىمىز دەپلا كېلىدىغان رىتىمى، نازارەت قىلىنىدىغانلار - تەكشۈرۈلىدىغانلارنى قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشقا ئامالسىز قالدۇرۇپ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ ئىنكاس قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.
ئىلى ئوبلاستىدىكى جاڭ يەنچۈەن دوستىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش قەرز پۇلىنى سۈيلەپ قايتۇرۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغانىدى. 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۇ بۇ مەسىلىنى «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا ئىنكاس قىلدى. 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا، شىمالىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى نىجات ئىسمائىل قاتارلىقلار ئۇ ئىنكاس قىلغان مەسىلىگە قارىتا يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى. يوشۇرۇن زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، نىجات ئىسمائىل جاڭ يەنچۈەننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇش پۇلى مەسىلىسىنى بىز ئاپتونوم رايونلۇق قەرز ئېنىقلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ قەرزنى ئېنىقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز، قەرز ئېنىقلاش جەريانىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىدۇ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ».
جاڭ يەنچۈەن مۇنداق دېدى: «مەسىلىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن قايتما ئىنكاسنىڭ بۇنچە تېز بولۇشىنى ئويلىماپتىمەن، 2 - كۈنىلا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بەردى».
سۆھبەتلىشىش ئازىيىپ بىرگە بىر زىيارەت قىلىش كۆپەيدى
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭشەن كوچىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان «لۈگۇ چۇنتيەن» ئۆي سېتىش ئورنىدا، شەرقىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، ئاھالە دۇڭ شياۋ ئىنكاس قىلغان «مەلۇم شىركەتنىڭ ئۆي سېتىش مەزگىلىدە مەكتەپ رايونىدىكى ئۆيلەرنى ساختا تەشۋىق قىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدىغان ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)لىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ شىركەتنىڭ ئۆي سېتىش مەزگىلىدە ساختا تەشۋىقات قىلىشقا چېتىلغانلىقىغا قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق.
«506 سودىگەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش ئەمەلىيلەشتىمۇ؟ كونكرېت تىزىملىك بارمۇ؟» «توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۇپىسى قۇرۇش قانداق بولدى؟» «ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىنى تارقىتىش ئەھۋالى قانداق؟» بۇ، شىمالىي شىنجاڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغان بىر مەيدان «بىرگە بىر زىيارەت قىلىش»تىكى سوئال سوراش مەزمۇنى. شۇ كۈنى، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا غۇلجا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، باج ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى «بىرگە بىر زىيارەت قىلدى».
زىيارەت قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇيجيې مۇنداق دېدى: «نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ زىيارىتى بىزگە بېسىم ھېس قىلدۇردى، خىزمەتتە ساقلانغان پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا بىزگە پايدىلىق يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى».
بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش بۇ يىل «ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانات يايدۇرغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا باھالاش، ئاممىنىڭ ساداسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى توسۇقلارنى، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش، سىياسەتنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتتۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاۋ جيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق: بىرىنچى، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش شەكلى ياخشىلاندى. يىپ ئۇچىنى ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، 95 مەسىلە يىپ ئۇچى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى، ھەم نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى؛ ئىككىنچى، «نازارەت قىلىش بىلەن ياردەم بېرىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن بايقاش، بىر تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇش، بىر تەرەپتىن ھەل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 103 مەسىلىنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئامما ۋە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ھەقىقىي ھەل قىلىندى؛ ئۈچىنچى، تىپلارنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەرقايسى جايلارنىڭ تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، 69 پارچە توپلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.