تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ ساھەدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما مەدىتىگە ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سەھىيە - ساغلاملىق، مائارىپ، مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق كۆپ ساھەدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما مەدىتىگە ئېرىشكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسى 2021 - يىلى 1 - تۈركۈمدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 1 مىليارد 51 مىليون يۈەن سېلىنمىغا ئېرىشىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە زامانىۋى سىستېما قۇرۇش، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدارنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 58 تۈرنى قوللىغان. بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش پىلانىدا دىققەت «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى» ۋە «رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان خىزمەت ۋەزىپىسى، ھەمدە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە قانات يايدۇرۇلىدىغان سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە تۈر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە رايونلارغا تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.

مائارىپ ساھەسىدە 943 مىليون يۈەنگە ئېرىشىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىپ، ئاساسىي مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كەسپىي مائارىپتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەخسۇس تۈر بويىچە 86 قۇرۇلۇش تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش پىلانىدا ئەسلىدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئاساسىي مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى قوللاش زىچ چۆرىدىلىپ، كەسپىي مائارىپتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تېزلىتىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاساسىي مائارىپنى ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىدىكەن؛ كەسپىي مەكتەپ، شۆيۈەنلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي مائارىپتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپ، شۆيۈەنلەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن؛ ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ئۆستۈرىدىكەن.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى 2021 - يىلى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 224 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى، دۆلەت نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، دۆلەت باغچىسى قاتارلىق مۇھىم تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىش، مۇھىم، زور ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى قوللىدى. بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ مەقسىتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم دۆلەت مەدەنىيەت باغچىلىرىنىڭ مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى قوغداش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ كۆرگەزمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يادىكارلىقلار، ئىزلار مول مەركەزلەشكەن نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئارخېئولوگىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، ساقلاش، تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدە تۆۋەن چەككە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا تىرەك بولۇش سىستېمىسى، مۇھىم، زور سۇچىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.