تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، چىقىم قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كۆچمە چىقىم قىلىشنى كېڭەيتىش، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىشىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بازار سۇبيېكتلىرى ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەنگەن.

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ، ئاز سوممىلىق چىقىم قىلىش سىستېمىسى، توردا چىقىم قىلىشتا بانكا ھالقىپ ھېسابات قىلىش سىستېمىسى، چېگرا ئىچىدە چەت ئەل پۇلى بىلەن چىقىم قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتتى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى بانكىلار كۆپ، ئاز سوممىلىق چىقىم قىلىش سىستېمىسىغا %100 ئۇلاندى.

«بىز ئاپتونوم رايوننىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۈنشەنفۇ APPغا تايىنىپ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ <كۆچمە چىقىم قىلىش +ساياھەت> <كۆچمە چىقىم قىلىش+خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى>دىن ئىبارەت رايون خاس سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى شۈ كې.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەتتە مەنزىرە رايونى يۈنشەنفۇ APPدىكى «ئىلى ساياھىتى» مەخسۇس كۆزنىكىگە چىقىرىلدى، قاراماي شەھىرىدىكى ئۈچ مەنزىرە رايونى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يان تېلېفون بانكىسى تورىغا چىقىرىلدى، شىنجاڭنىڭ 40 خىلدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى شىنجاڭ ئىچىدىكى بانكا ئاپپاراتلىرى APPسى، تور بانكىسى، يۈنشەنفۇ APPسى قاتارلىق تۈرلۈك كۆچمە چىقىم قىلىش سۇپىلىرىغا چىقىرىلدى.

ھازىرقى زامان بازار ئىگىلىكىدە، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتى «ئىقتىسادىي كىملىك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز پۇل تارقىتىشتىن بۇرۇنقى زۆرۈر ھالقا بولۇپلا قالماي، يەنە سودا قىلىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 753 مىڭ كارخانا ۋە 16 مىليون 279 مىڭ تەبىئىي شەخس ئۈچۈن ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزدى.

«بىز ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق، نۆۋەتتە، كارخانا ۋە شەخسلەر ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى، ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى، ئالاقە تورى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ» دېدى شۈ كې. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 13 سودا بانكىسىنىڭ تور بانكىسى، يان تېلېفون بانكىسىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا قارىتا سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 308 ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى سەپلىنىپ، خەلق بانكىسى تور نۇقتىلىرى ۋە ناھىيەلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى يەنە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي ئېلىپ بېرىلغان كاپىتال تۈرى بويىچە كىرىم - چىقىم قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 2.3 ھەسسە ئاشتى، كارخانىلارنىڭ تولۇق ساھەلىك چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىم سوممىسى 350 مىليون دوللارغا يېتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسى مۇقىم ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.