تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​سېلىنما كۆلىمى زور، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك بولدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %25.6 ئاشتى​

سېلىنما كۆلىمى زور، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

تەرەققىيات − قاتتىق داۋلى، تۈر − كۈچلۈك تىرەك. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.6 ئاشقان، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن %27.1 ئاشقان.

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ى − ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەت قىلىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان 2 - يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ يولىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئەڭ تېز يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇقلۇق يول لىنىيەسى، يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن كېيىنكى شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان 2 - چوڭ يول بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، رايون قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش تېزلىتىلىپ، جەمئىي 31 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 670 مىليون يۈەن ئاشتى، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايدىغان بىر تۈركۈم تۆمۈريول، تاشيول ۋە ئايرودۇرۇم تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ياكى قۇرۇلۇش تېزلىتىلمەكتە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ تونۇشتۇرۇپ.

قاتناش تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ «نەتىجە قەغىزى» پۈتۈن ئاپتونوم رايون تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ پۇختا مېڭىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشنى نامايان قىلدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا ئىشلىرى كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان. ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغ %14.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە: قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا ئىشلىرى كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %32.1 ئاشقان؛ ئۇچۇر يوللاش، كومپيۇتېر مۇلازىمىتى ۋە يۇمشاق ماتېرىيال كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %16.7 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 45.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي نىشاننى بېكىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ساھەلەر، نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ «ئىككى ئاكتىپلىقى»نى تولۇق قوزغاپ، يىللىق سېلىنما پىلانىنى چۆرىدەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقىت تۈگۈن نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈر قۇرۇلۇشىدا ئۆلچەمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، سۈرئەتنى يەنىمۇ تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ھەقىقىي كېڭەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا «سۈرئەتنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي سېلىنما 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈرلەر يىللىق پىلاندىكى سېلىنمىنىڭ %43.8ىنى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە پىرسەنت پوئېنت ئاشۇردى.

تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سېلىنما قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 1 - كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ %27.1 ئاشتى، 2 - كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ %19.6 ئاشتى، 3 - كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ %29.1 ئاشتى، 1 -، 3 - كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولدى.

ياسىمىچىلىق كەسپىگە مەبلەغ سېلىش بىر تەرەپتىن جەمئىيەت ئومۇمىي تەمىناتىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىش بىلەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەنە جەمئىيەت ئومۇمىي ئېھتىياجىنى تۇتاشتۇرۇپ، شۇ مەزگىلدىكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىغا تەسىر كۆرسەتتى.

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شىنجاڭ شۆفېڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سالغان مېلامىنا سىمولا ۋە ئۇنىڭ يانداش تۈرى (1 - قارارلىق) تەبىئىي گازدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ھەم بىخەتەر زاپاس ساقلاشتىكى يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش تۈرى نەق مەيدانىدا ئىشچىلار قۇرۇلۇش مۇددىتىگە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، سۈرئەتنى تېزلىتىپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى نۇقتىلىق تۈر ھېسابلىنىدۇ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت سېلىنمىسى %19.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە: مېلامىنا سىمولا ھەم ئۇنىڭ يانداش تۈرى (1 - قارار) تەبىئىي گازدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ھەم بىخەتەر زاپاس ساقلاشتىكى يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى %34.9 ئاشتى، كانچىلىق كەسپى سېلىنمىسى %11.7 ئاشتى، ئېلېكتىر، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىنلەش كەسپى سېلىنمىسى %9.4 ئاشتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئېشىشىنىڭ ئاساسىي موتورىغا ئايلانغان.

ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي - مۈلۈك تەرەققىيات سېلىنمىسى 53 مىليارد 278 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %66.7 ئاشقان؛ سېتىلغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 10 مىليون 197 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ %51.7 ئاشقان؛ تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش سوممىسى 59 مىليارد 253 مىليون يۈەنگە يېتىپ %46.3 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.