جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سۇبئالب چىملىق يايلىقى — شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقى ئاسمىنىدا 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇلۇت دېڭىزىدىن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى.
يايلاق بوشلۇقىدا ھەر خىل شەكىلدىكى ئاقما بۇلۇت ھاسىل بولدى.
قاتتىق يامغۇردا يايلاق سۇغا تويۇندى، سەھەردە تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سۇ پارغا ئايلىنىپ ھەر خىل شەكىلدىكى ئاقما بۇلۇتلارنى ھاسىل قىلدى. مامۇقتەك بۇلۇتلار كۆز يەتكۈسىز ياپيېشىل يايلاق بوشلۇقىغا يېيىلغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى نامايان قىلدى، يىراقتىكى قارلىق تاغلاردا قۇياشنىڭ نۇر چېچىشى بىلەن كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بۇلۇتلار ھال رەڭ تۈسكە كىرىپ، ئاقما بۇلۇت، قارلىق تاغ، يايلاق ئۆزئارا گىرەلىشىپ، رەڭدار، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقى تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 1259.47 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىر كېلىدۇ.