تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى سىجىل ياخشىلاندى

بازار ئومۇمىي مىقدارى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىلدى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى

​ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى سىجىل ياخشىلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

ئىستېمال خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولدى، بازار ئومۇمىي مىقدارى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭىيىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 160 مىليارد 980 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.8 ئاشتى.

ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ

بازار جانلاندى

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ دوستلۇق(گۇرۇھى)پاي چەكلىك شىركىتى دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ 1 - قەۋىتىدە، گۈيرېننياۋ، لى نىڭ، ئەنتا، خۇاۋېي، خۇييۈەن قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق تاۋارلار كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

بۇ سودا ساراينىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى چېن شى مۇنداق دېدى: 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، سودا سارىيىمىز «دۆلەت مېلىنى قەدىرلەپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تۇنجى سېتىش كۈنىدىلا 348 تاۋار سېتىلىپ، نەق مەيداندىكى ماللار ئاساسەن سېتىلىپ بولدى، شۇنداقلا سودا ساراينىڭ ئومۇمىي تىجارىتىگە تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، بەلگىلىك سوممىغا يەتسە باھاسىنى كېمەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، سودا سارىيىمىزنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتى ۋە يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ پايدىسى بىلەن، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار پائالىيەتلەر سىجىل تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلۇپ، سودا تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ، بازارنىڭ ئاۋاتلىقى پۇختا قەدەمدە قايتا جانلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 75 مىليارد 818 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.8 ئېشىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قايتا تولۇقلىنىپ قويۇپ بېرىلدى.

«شىنجاڭ ياز پەسىللىك ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىپ مال سېتىۋېلىش بايرىمى» «2021 - يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پەسلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ئەمەلىي گەۋدە دۇكانلىرىنىڭ پارچە سېتىش تىجارىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىستېمال بازىرى تېز ئەسلىگە كېلىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى، زىبۇ - زىننەتلەر، كىيىم - كېچەكلەر، ئاياغلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، زور سالماقتىكى ئېتىبارلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلغانىدى.

شىنجاڭ خۇيجيا دەۋر تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەن جىنخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: مال سېتىۋېلىش بايرىمى مەزگىلى دەل پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيجيا دەۋر سودا سارايلىرىنىڭ يىل ئوتتۇرىسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە توغرا كەلگەچكە، خۇيجيا دەۋر شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 20 دۇكان، 1000دىن ئارتۇق داڭلىق ماركا بايلىقىنى توپلاپ، ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. تور سىرتىدىكى دۇكانلار بەلگىلىك سوممىغا يەتسە باھاسىنى كېمەيتىش، ھەسسىلەپ نومۇر جۇغلاش، يېمەك - ئىچمەك سودىسىنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىنى گىرەلەشمە يولغا قويدى، خېرىدار ئېقىمى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، سېتىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى

تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى

«ئون كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نارات چوڭ يايلىقى، سايرام كۆلى، كۆكتوقاي قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلدىم، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ياخشى بولدى.» 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى جوۋ شىن دوستلىرى بىلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

ياز پەسلى شىنجاڭنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى، شۇنداقلا جاي - جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بەس - بەستە كېلىدىغان مەزگىل. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5A، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 23 مىليون 400 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.2 ئاشقان، 2019 - يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.0 ئاشقان.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى نېفىت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملار تۈرىدىكى ئىستېمال ۋە ئاپتوموبىل تۈرىدىكى ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتوموبىل تۈرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىلىش سوممىسى 26 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.8 ئاشقان؛ نېفىت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملار تۈرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىش سوممىسى 16 مىليارد 407 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.2 ئاشقان.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يەنە پۇقراۋى قونالغۇلارنى ئاۋاتلاشتۇردى. ياز پەسلىدە موڭغۇلكۈرەدە تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشۈپ، ئەتراپ گۈل - گىياھلار بىلەن تولاتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغان پۇقراۋى قونالغۇلاردا قونۇشنى تاللاپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتنى ھېس قىلدى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى «چېگرا شەھەردىكى ياشلار مېھمانخانىسى»نىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ لۇڭلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ساياھەت ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ياتاقلار ھەر كۈنى توشۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ياتاقتا يېتىش ئۈچۈن ئالدىن زاكاز بەرمىسە بولمايدۇ، كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار.

ساياھەت كەسپىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى قونالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئورۇنلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ياتاق كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %87.4، يېمەك - ئىچمەك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %35.0 ئاشقان.

توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى

يېڭىچە ئىستېمال مۇقىم ئاشتى

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى يىپەك يولى دۇڭفاڭ راك قىيمىلىق جۇۋاۋىخانىسى دېموكراتىيە يولى دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى ۋاڭ رۇڭ تارقاتقان «بۇلتۇر سېتىپ مال ئۈزۈلۈپ قالغان ئەنئەنىۋى بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭ 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىشى مۇمكىن» دېگەن ئۇچۇرنى 500دىن ئارتۇق كىشى سۈرۈشتە قىلدى، يۈرەك بەردى.

«جۇڭچيۇ بايرىمىغا ئاز قالدى، بىزنىڭ ھازىر ئاساسلىق كۈچەۋاتقىنىمىز ئەنئەنىۋى بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭنى ئالدىن سېتىش، كارخانىمىز بۇلتۇردىن باشلاپ مەھەللىلەرگە كوللېكتىپ سېتىشنى يولغا قويۇپ، 400 مىڭدىن ئارتۇق خېرىدارلار توپىغا ئىگە بولدى. مەن ھازىر دۇكان باشلىقى بولۇپلا قالماي يەنە مەھەللىلەرگە كوللېكتىپ ساتىدىغانلارنىڭ <باشلىقى>.» ۋاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى سودىنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتى بىزنى خېرىدارلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش يولىغا ئىگە قىلدى، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدۇق، شىركەت خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم مەھسۇلات تىزىملىكىنى تەڭشەپ، خېرىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇيغۇ ۋە مۇلازىمەتكە ئىگە قىلدى».

ئىستېمال تور سىرتىدىن تورغا كېڭىيىپ، ئىستېمال ئوبيېكتى ئەمەلىي بۇيۇمدىن مۇلازىمەتكە قاراپ ئۆزگەردى، ئىستېمال تۇيغۇسى ئاممىۋىلىكتىن خاسلىققا يۈزلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، ئىستېمالنى ھېس قىلىش، ئۆز جاي ئىستىراھىتى قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال شەكىللىرى تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرما ئىستېمال ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇۋېتىلدى.

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى خۇالىڭ ئۇنىۋېرسال بازىرىدىكى دىجىشېڭ قۇرۇق مېۋە - چېۋە دۇكىنىدا، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، توردىكى زاكازلارمۇ توختىمىدى. بۇلتۇر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ دۇكاننىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇيلىڭ توردىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتقانىدى. «توردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، توردا سودىنى پۈتۈشۈپلا قالماي، يەنە تور سىرتىدىكى خېرىدارلار توپىنى يېتەكلەپ، سېتىش نەتىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق، سېتىش سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغان كۈنى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى» دېدى ئۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە ئىستېمالى مۇقىم ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاۋار سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %44.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، 6 - ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.8 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ بىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە ئىستېمالى ۋە دەرىجە ئۆسكەن ئىستېمالى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، ئادەمسىز پارچە سېتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ پارچە سېتىش قاتارلىق ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى شەكلى تېز تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.