تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ | شىنجاڭ باغراش كۆلى: زۇمرەت سۇدا لەيلەر نېلۇپەر، بولدى مەپتۇن ئۇنىڭغا كىشىلەر

  ئاپتور: نيەن لېي

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلى ليەنخەي شىجې مەنزىرە رايونى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، كىشىلەر گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، كاتېرغا ئولتۇرۇپ، ناخشا ئاڭلاپ، ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، خۇشالىقتىن بەھرىمەن بولدى.

  ليەنخەي شىجې مەنزىرە رايونى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە جايلاشقان، بۇ جايدا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ياتما نېلۇپەر توپى بار بولۇپ، 80 مىڭ مو يەردىكى ياۋا ياتما نېلۇپەرلەر سۇدا لەيلەپ، تولىمۇ چىرايلىق ھەم كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى مۇھىت قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغانلىقتىن، باغراش كۆلىنىڭ ئايلانما كۆل مەنزىرە رايونى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.