ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىلىق ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى −
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەربىي - خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىلىق ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي - خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ياراتتى.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەندە، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى فالىچۇن مەھەللىسىدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان 87 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى خۇ دەيمىڭنىڭ ئائىلىسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى شىلى ئانا جەمئىيەت مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تەن جېنليەن ۋە پارتىيەلىك پىدائىيلاردىن ئىبارەت بىر توپ ئالاھىدە «تۇغقان»لىرىنى كۈتۈۋالدى.
بايراملىق ھال سوراش ۋە بەخت تىلەش بىلەن بىللە، تەن جېنليەن خۇ دەيمىڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ خۇ دەيمىڭنىڭ قاينام - تاشقىنلىق يىللار ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى ئاڭلىدى.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئالتاي شۆبە ھەربىي رايونى ئاق قابا چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شۇ جايدا تۇرۇشلۇق چارۋىچىلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقاردى. مەيداندىكى كىشىلەر رەتلىك تىزىلىپ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە دىققەت بىلەن نەزەر سېلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چوڭقۇر بەخت تىلىدى.
«كۆپ يىللاردىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت. چېگرا مۇداپىئە ھەربىيلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە، بىز چوقۇم تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن ۋەتەننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز» دېدى ئاق قابا چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ ليەنجاڭى جېڭ خەيپېڭ.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شايار ناھىيەلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، پېشقەدەم جەڭچى چېن شىجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پېشقەدەم قەھرىماننى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭدىن ھال سورىدى، چېن شىجى سۆزلەپ بەرگەن ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى. چېن شىجى 1951 - يىلى ئارمىيەگە قاتناشقان بولۇپ، جەڭدە زەمبىرەك ئوقىنىڭ مۇھاسىرىسىگە پەرۋا قىلماي، ئۇدا ئالتە قېتىم تېلېفون سىمىنى جىددىي ئۇلاپ، ئالاقىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.
شايار ناھىيەلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما شاڭشىن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قېتىملىق روھنى ئويغاتقان پارتىيە دەرسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق روھنىڭ تاۋلىنىشى بولدى، بىز چوقۇم تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز».
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەربىيەلەش مەركىزىدىكى 30 كۇرسانت «دۆلەت مۇداپىئە بەن - زۇسى» دەپ نام ئالغان قاراماي فېڭچېڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى نېفىت ئېلىش 2 - پونكىتىنىڭ 4 - بەنىدە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشتە بولدى.
4 - بەننىڭ بەنجاڭى لى رۇڭخۇي ئارمىيەدىن چېكىنگەن 22 ھەربىينى باشلاپ، بەن - زۇنى «دۆلەت مۇداپىئە بەن - زۇسى»غا ئايلاندۇردى، ئۇلار «ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماسلىق» روھىغا ئەمەل قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى، بەش يىلدىن بۇيان جەمئىي 56 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارغا ياردەم بەردى - يۆلىدى، ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.
(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، سۇڭ ۋېيگو، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن تيەن خۇايىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ لۇ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن يې سۈي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن جىڭ، لى شيۇفېڭ، جاۋ يىڭخاۋ)