□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭرۇڭ جاۋشى
بارماق بىلەن ۋاقىت تونېلىنىڭ نۇرلۇق چالغۇ كۇنۇپكا تاختىسىنى يېنىك چەككەندە، لەرزان مېلودىيە ياڭرىدى؛ ئىككى قولنى سېزىمچان ئېكرانغا قويغاندا، ئالدىدىكى ئادەم بەدىنىدىكى توك ئۆتكۈزگۈچ چىراغ دەرھال ياندى... 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تېۋىلغا بازىرى ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 20 نەچچە بالا قىزىقىشقا تولغان جۈپ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى قوبۇل قىلدى.
بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا نۇرغۇن پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرى تەرتىپلىك قويۇلغان بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنى يېزا ئىگىلىك ئىلمى، فىزىكا، تەبىئىي پەن، ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
«بۇ يىل 4 - ئايدا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. كۆرگەزمە زالىدا <ئىلىم - پەن ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش> باش تېما قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ياكوب پەلەمپىيى، ئادەم بەدىنىدىن توك ئۆتكۈزۈش، نۇر چالغۇ، قارلىق دولقۇن ئاۋاز دولقۇنى، ۋاقىت تونېلى، مۇزىكىلىق فونتان، نۇر شارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يورۇقلۇق ئىلمى، بىيولوگىيە، مەۋھۇم رېئاللىق قاتارلىق پىرىنسىپلار ۋە جىددىي ۋەقەلەردە خەۋپتىن ساقلىنىش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى جانلىق، بىۋاسىتە نامايان قىلدى.» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ شياۋشۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنى مەخسۇس ئادەم باشقۇرىدۇ، ھەر دۈشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلىدۇ. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ھېس قىلىشتىن باشقا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى يەنە تەربىيەلەش كۇرسى ياكى پائالىيەت كىچىك گۇرۇپپىسى شەكلىدە مەھەللە ئاھالىلىرىگە يۈزلىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرىدۇ.
تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش رەقەملەشتۈرۈلگەن سېزىمچان ئېكران ئالدىدا، ئاھالە شاۋ يۈباۋ كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئورنىغا قويۇپ، سېزىمچان ئېكراننى يېنىك چېكىشى بىلەن، ئۆز يېرىدىكى ئازوت، فوسفور، كالىيلىق ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى شۇ ھامان بىر قاراپلا چۈشەنگۈدەك ھالدا نامايان بولدى. «يېقىندا مەن ئېتىزدىكى لازا مايسىلىرىنىڭ سەل سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىمىدىن مەسلىھەت سورىدىم، ئۇ ماڭا ئېتىزدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ تىزىملىتىپ، تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى.» شاۋ يۈباۋ مۇنداق دېدى: ئويلىماپتىمەن، يېنىك نەچچە چېكىپلا، ئۆز يېرىمگە قانداق ئوغۇت لازىملىقىنى، قانداق ئوغۇتلاش كېرەكلىكىنى كۆرەلىدىم، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەھلىل قىلىپ چىقارغىنىغا ئاساسەن يەنە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىمىدىن مەسلىھەت سوراپ، ناھايىتى تېزلا قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدىم.
«پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ئىشىك ئالدىمىزغىلا سېلىنىپ، بىزنىڭ زىرائەتلەرگە ئوغۇت تاللاش، ئوغۇت تەڭشەشنى تەكشۈرۈشىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.» شاۋ يۈباۋ مۇنداق دېدى: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا يەنە يېزا ئىگىلىكىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە سىن بار، ئىشىك ئالدىمىزدىلا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.
«بۇ يەردىكى پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى يېڭىچە، مەسىلەن، ۋاقىت تونېلى، نۇر چالغۇسى، ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان» دېدى خوشۇت ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇ زىچى سىناپ باققاندىن كېيىن.
خوشۇت ناھىيەلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ليۇ چۈنگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، خوشۇت ناھىيەسىدە ئون يېزا - كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى قۇرۇلدى، 8 - ئاينىڭ بېشىدا سارايلار ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىلاندىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان خوشۇت ناھىيەلىك پەن - تېخنىكا سارىيى قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل 9 - ئايدا ئىش باشلىنىدۇ.