تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت مىكرو» پائالىيىتى ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ

ئىختىيارىي مۇخبىرلار چىن فېڭ، ياڭ يۇڭ

«كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى.» 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتىدىكى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئۆيىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا «مىكرو لېكسىيە» باشلاندى.

مەمەتجان ئۆمەر لېكسىيە ئاڭلىغىلى كەلگەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان سادىق قوغدىغۇچى بولۇشىمىز كېرەك.

مەمەتجان ئۆمەر بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى بولۇپ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۇ شەرەپ بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ − «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى.

«پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ خىزمىتىم بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا يەنە بەلگىلىك پەرق بار.» مەمەتجان ئۆمەر لېكسىيەسىدە «مىكرو ھېكايە» ئارقىلىق چوڭ داۋلى سۆزلەپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلىدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى «مىكرو پارتىيە دەرسى» «مىكرو دېكلاماتسىيە» «مىكرو ھېكايە» «مىكرو ھەمبەھرىلىنىش» قاتارلىق «تۆت مىكرو» پائالىيىتى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دائىم ئۆگىنىپ دائىم يېڭىلاپ تۇرۇشقا، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ دائىم يېڭىلاپ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئۆزگىچە تۈس قوشتى.

غۇلجا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئورگان، گازارما، يېزا - كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانىلارغا بېرىشقا تەشكىللەپ، كىچىك كۆزنەك ئارقىلىق ئاممىغا يېقىن شەكىللەرنى قوللىنىپ 1200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق «مىكرو پارتىيە دەرسى» سۆزلەپ، 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، غۇلجا ناھىيەسى «مىكرو دېكلاماتسىيە» ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. «غۇلجا ناھىيەسى نۆل ئارىلىق» قاتارلىق سۇپىلاردا مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، 100 ساندىن ئارتۇق «مىكرو دېكلاماتسىيە» ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئوقۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئوقۇش» جەريانىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى.

غۇلجا ناھىيەسى يەنە مەمەتجان ئۆمەر قاتارلىق ئەتراپىدىكى تىپلارنى تەشكىللەپ، «مىكرو ھېكايە» ئارقىلىق قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى. نۆۋەتتە، «مىكرو ھېكايە» پائالىيىتىدىن 330 مەيداندىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، غۇلجا ناھىيەسى APP، چوڭ كاناي قاتارلىق تەشۋىقات بازىلىرىغا تايىنىپ، 350تىن ئارتۇق «مىكرو سىن» يوللاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى، كۇەيشەن قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق، 546 «لېكسىيە سۆزلەش كىچىك ئەترىتى» قۇرۇپ، تور + تور سىرتى «مىكرو ھەمبەھرىلىنىش» يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئالىقان دەرسخانىسى» «كۆچمە دەرسخانا» بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك كېڭەيتىلىشىگە، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.