تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش

− «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت» قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى توغرىسىدا (2)

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى قۇچچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇپ بەردى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ نا، گو لىڭ

ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى 31 قېتىملىق مۇھىم، زور كۈرەشكە قاتنىشىپ، ھەر قېتىم تولۇق غەلىبە قىلدى. شەرەپ دەپتىرىدە 180دىن ئارتۇق تۆھپە مېدالى چاقناپ تۇراتتى.

ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىنى ساقلاپ، مۈشكۈل جەڭ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەيلى كادىر بولسۇن ياكى جەڭچى بولسۇن، مەيلى شوپۇر ياكى ئالاقىچى بولسۇن، ھەممە كىشى جەڭچى بولدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنالمايتتى، قاچالمايتتى، پەقەت شەپىسىنى ئاڭلىسىلا قورقۇپ ئەس - ھوشىنى يوقىتاتتى، قارىسىنى كۆرسىلا ئالاقزادە بولۇپ قاچاتتى.

ئۇلار دەل «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت» قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى ئىدى.

«زەربىدار»لار بىلەن جەڭگاھتا ئۈستۈنلۈكنى تالاشقىلى بولمايدۇ، كۈچلۈك قوشۇن قانداق تاۋلاندى؟

قىزىل قەلب، پولاتتەك ئىرادە بىلەن سادىق روھ تاۋلاندى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچقۇرۇن، بىر كۈنلۈك مانېۋىرنى ئاخىرلاشتۇرغان ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى 3 - كىچىك ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن كىچىك ئەترەت باشلىقى شى شياۋپىڭ «جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە شەرەپ قۇچۇش» دېگەن كىتابنى ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر مەزمۇنلارنى قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلدى.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، شى شياۋپىڭ قىسىمغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرۇپ دالا مەشىقى قىلدى، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىردىن كىتاب ئېلىۋېلىپ، ھەربىي ئىشلار قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇش بىلەن بىرگە كاللىسىنى ياخشى قوراللاندۇردى.

«ھايات - مامات سىنىقىدىنمۇ ئېغىر سىناق بارمۇ؟» شى شياۋپىڭ بۇ جۈملىنى ئوقۇغاندا، ئوتتۇرا ئەترەت قاتناشقان ھەر قېتىملىق جەڭلەرنى ئەسلەپ، چوڭقۇر ئويغا پاتتى: «ھەر قېتىملىق ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا، قانداق نەرسە كۆپچىلىكنى ھاياتىنى پارتىيەگە تاپشۇرۇپ، ئۆزىگە قالدۇرماسلىققا سەۋەب بولغان؟» «پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىق.» ئۇ بۇنىڭغا تېزلا جاۋاب تاپتى.

مەلۇم يىلى 12 - ئايدا، بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، جەسەت ئۈستىدىكى سىملىرى كۆيۈپ چاپلىشىپ كەتكەن سەككىز پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئالدىدا، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئىككى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلغۇچى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىرتەرەپ قىلىشتا كىيىدىغان نەچچە ئون كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى كىيىمنى كىيىپ، ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن جەسەتنىڭ كىيىمىنى بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن كېسىپ، ئامبۇر بىلەن سىمنى بىر تال بىر تالدىن ئايرىپ، ئۇدا 12 سائەت جەڭ قىلىپ، پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

مەلۇم يىلى 7 - ئايدا، بىر توپ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر مەلۇم جايدا يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چېقىپ، كۆيدۈرۈپ، بىگۇناھ ئاممىنى چېپىپ ئۆلتۈردى. ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تېزدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قىلىچى ۋە بېنزىن بوتۇلكىسىنىڭ غالجىرانە ھۇجۇمى ئالدىدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تېز پەرقلەندۈرۈپ، دەل جايىدا زەربە بېرىپ، 17 زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرنى بىراقلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 121 زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرنى تۇتۇشقا ياردەملەشتى.

ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ زوراۋانلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئېلىشىش جەريانىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشى، بومبا خەۋپى ئىچىدە خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرالىشىدا، تايانغىنى «پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش»تىن ئىبارەت سىياسىي پەزىلەتتۇر.

ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ شەرەپ ئۆيىگە ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قەسەم سۆزى، ھەر قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا چۈشۈرگەن جىنايەت سادىر قىلىش دېلو قوراللىرى تىزىلغان، يەنە بىرقانچە تامغا لىق ئوردېن ۋە تەقدىرنامە ئېسىلغان. ھەربىر كادىر يۆتكىلىپ كەلگەندە، يېڭى ئەسكەرلەر تولۇقلانغاندا، كۆپچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ئىش شەرەپ ئۆيىگە كىرىپ قەسەم بېرىپ، مەسئۇلىيىتى - ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە بۇرچىنى سۆزلەش.

«بىز باشتىن - ئاخىر پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشنى ھاياتىمىزدىنمۇ مۇھىم بىلىپ، مۇتلەق سادىق سىياسىي پەزىلىتىمىز ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قاتتىق جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جىداۋيۈەنى ۋاڭ شياۋزې.

قايتا - قايتا تاۋلانغان ياراملىق قوشۇن

شەمشەرنى بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلى قەھرىتان سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلىگەچكە خۇش پۇراق چاچىدۇ. ئاپتوموبىل بولسىمۇ ئولتۇرماي ھۇجۇم قىلىشنى مەشىق قىلىش، كۆۋرۈك بولسىمۇ ئۆتمەي ئۈزۈپ ئۆتۈشنى مەشىق قىلىش، يول بولسىمۇ ماڭماي تاغنى تېشىپ ئۆتۈش... ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قىيىن، خەتەرلىك، خەۋپلىك ۋەزىيەتتە كۆپ قېتىم ئېلىشىپ، فىزىيولوگىيەلىك يۇقىرى چەكتە ئۆز - ئۆزىدىن ھالقىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاتتىق ماھارەت يېتىلدۈردى.

مەرگەن چۇ جالې دىققىتىنى يىغىش كۈچىنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى يىڭنە بىلەن گۈرۈچنى تېشىشنى مەشىق قىلىدۇ، يىڭنە بىلەن ھەربىر دانە گۈرۈچنى تېشىپ يىپ ئۆتكۈزىدۇ، بىر باشلىسىلا بىرنەچچە سائەت مەشىق قىلىدۇ. يېڭى مەشىق قىلغاندا، ئۇنىڭ بارماقلىرىغا ھەر كۈنى 80 - 70 قېتىم يىڭنە سانجىلىپ كېتەتتى، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك جاپالىق مەشىق قىلغاندىن كېيىن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، ھازىر گۈرۈچكە ئاسانلا يىڭنە سانجىپ يىپ ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

مەرگەن ليۇ يۈنلۇڭ سېمونت يەردە قورال تۇتۇش مەشىقى قىلىپ، بىر ياتسا ئۈچ سائەت دۈم ياتاتتى، بەدىنىگە 15 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قۇم خالتىنى بېسىپ قوياتتى، مۈرىسىگە ئىككى پارچە خىش بېسىپ قوياتتى، مىلتىق سىتۋولىغا ئۈچ تال مىشەك قوياتتى. پەقەت مۇشۇ ھەرىكەتنىلا ئۇ توپتوغرا ئۈچ ئاي مەشىق قىلدى.

مەلۇم يىلى 8 - ئايدا، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى ئۇدا بىر ئايدىن كۆپرەك بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قوراللىق چارلاش، قۇملۇق، ئورمانلىقتا ئىزدەش، قوراللىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاماملىدى. «بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە ئۇزۇن يوللۇق تېز بېرىپ ھۇجۇم قىلىش، ناتونۇش رايونلارغا تاكتىكىلىق ماسلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى، جەزمەن تېزدىن كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك، چۈنكى جەڭ ھەر ۋاقىت باشلىنىشى مۇمكىن» دېدى شۇ چاغدىكى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ليۇ لىن كەسكىنلىك بىلەن.

شۇنىڭ بىلەن، قىسىمغا قايتىپ 2 - كۈنى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىر ھەپتىلىك يۇقىرى چەك مەشىقىنى باشلىدى: ھەر كۈنى قورال ئېلىپ دالىدا بەش كىلومېتىر يۈرۈش، قىياغا يامىشىش، 400 مېتىر توسۇقتىن ئاتلاش...

ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خەن جېنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر قېتىم ۋەزىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن قايتا خۇلاسە قىلىشقا تەشكىللەش ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ «مۇقىم ھەرىكىتى» بولۇپ، ئەھۋاللارنى بىر - بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ساۋاقلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، تۈرلۈك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق.

ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ گازارما زالىدا، بىر پارچە دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەرىتىسى ۋە بىر پارچە شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەرىتىسى بار بولۇپ، ئۈستىدە كۆك رەڭلىك كاتەكچە ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى بەلگە قىلىنغان. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەرىتىسىدە، بەلگە سېلىنغان ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق تېررورلۇق دېلوسى 2016 - يىلى يۈزبەرگەن.

نۆۋەتتىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى. «بىز يەنىلا ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كىرىچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، كۈچلۈك ھەربىي مەشىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بىلەن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى خەن جېنۋېي.

ئاممىغا تايىنىپ جەڭدە دائىم غەلىبە قىلدى

ئارمىيەنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشىغا خەلق يۆلەنچۈك بولىدۇ. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم قىسىم ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ جىجۈننىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتى بار.

ليۇ جىجۈن ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جېڭىگە قاتناشقان، 2008 - يىلى ئۇ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ئاشۇ قېتىمقى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئېسىدە.

شۇ چاغدا، بىر توپ زوراۋان ئۇنسۇر بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. ئاختۇرۇپ تۇتقۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەقە يۈزبەرگەن جايدا ئالا قويماي ئىزدىگەن، ئىزدەش داۋاملىشىپ ئۈچ كۈن بولغاندا، بىر چوڭ ئانا بىر سائەت ئىلگىرى بىر ئەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ يېمەكلىك سورىغانلىقىنى، يۈرۈش - تۇرۇشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. ئاختۇرۇپ تۇتقۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، يېقىن ئەتراپتىكى كۆممىقوناقلىقتىن بۇ زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ ئىزىنى بايقاپ، ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ ئۆلتۈردى ياكى بويسۇندۇردى.

ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىغا ئىشىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى ھەربىر قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قىلغانلىكى جەڭدە غەلىبە قىلدى. «بىز خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرى بولىمىز» دېدى ليۇ جىجۈن.

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى ئومىد كەنتى 4 - گۇرۇپپىسىدىكى 100 مو ياڭاقلىق بازىسىدا، كەنتتىكى 20 نەچچە پارتىيە ئەزاسى، ئامما ۋەكىلى قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىپ، بۇ يىل كۈزدە ياڭاقلىققا ئاق لوبو كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى قارار قىلدى.

بۇ ياڭاقلىقنى 2009 - يىلى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆچەت سېتىۋېلىپ تىكىش ئارقىلىق بىنا قىلغان. شۇ يىلى 3 - ئايدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يەرلەرنى تۈزلەپ، كۆچەت سېتىۋېلىپ، يۇرتداشلارنى باشلاپ بىرلىكتە ئورەك كولاپ، توپا تىندۇرۇپ سۇغارغانلىقى كەنت ئاھالىسى ئابلىز توختىنىڭ ئېنىق ئېسىدە.

«مەنمۇ ئەينى چاغدا نەچچە ئون تۈپ كۆچەت تىككەن، ھەش - پەش دېگۈچە 12 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى چاغدا بارماقچىلىك توملۇقتىكى ياڭاق كۆچىتى ھازىر راۋۇرۇس چوڭايدى.» ئابلىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ياڭاق كۆچىتىنى تىككەندىن كېيىن، يەنە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مېۋە بەرمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قۇر ئارىلاپ تېرىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، شەكىلگە كىرگۈزۈپ چاتاش قاتارلىق ياڭاق پەرۋىش قىلىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى.

ئابلىز مۇنداق بىر ھېسابات قىلدى: ھازىر بىر مو يەردىكى ياڭاقتىن 3000 يۈەنگە يېقىن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، يىلدا بىر قېتىم كۆكتات كىرىشتۈرۈپ تېرىپ يەنە 2500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ياڭاقلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلاندى. «بىز قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى ئابلىز ئەتراپتىكى مېۋىگە تولغان ياڭاق دەرەخلىرىگە قارىغىنىچە تەسىرلەنگەن ھالدا.

ھەربىي - خەلق بىردەك ئىتتىپاقلاشسا، جاھاندا كىممۇ ئۇلارغا تەڭ كېلەلىسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.