تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئالتە ئايدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 202 مىليارد 720 مىليون يۈەن بولدى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.1 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى سىجىل قايتا جانلىنىپ، جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 202 مىليارد 720 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.1 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىياننى ئۆزگەرتىپ ئاشۇرۇلغان پايدا 8 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولغان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، تەرەققىيات قەدىمى سىجىل تېزلىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوندىكى شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 146 مىليارد 127 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.8 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 860 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىيان ئۆزگەرتىلىپ ئاشۇرۇلغان پايدا 7 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولدى. 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 41 مىليارد 230 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.72 ئاشتى؛ زىيان 723 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىيان 477 مىليون يۈەن ئازايدى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت دەۋرىي ئايلىنىشى تەرتىپلىك بولدى، كىرىمى ۋە پايدىسى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ جىنپىڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، بىرىنچىدىن، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە باھاسى تەڭ ئۆرلىدى؛ ئىككىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە كەسپى تىجارىتى مۇقىم بولدى؛ ئۈچىنچىدىن، سودا كەسپى تېز ئەسلىگە كەلدى؛ تۆتىنچىدىن، قاتناش - تىرانسپورت كەسپى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشتى؛ بەشىنچىدىن، بىناكارلىق كەسپى بازىرىنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى؛ ئالتىنچىدىن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى مۇقىم بولدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سانائەت ساھەسىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىكى تەمىنات - ئېھتىياجى مۇقىم بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش تەڭلا جانلانغان، خىمىيە، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئۈنۈم تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان. پۈتۈن ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 53 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.9 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىيان ئۆزگەرتىلىپ ئاشۇرۇلغان پايدا 7 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولغان؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كۆلىمى مۇۋاپىق ئېشىشنى ساقلاپ، پۇقراۋى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان. پۈتۈن ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 17 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشقان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، بازار ئېھتىياجىنىڭ ئىپادىسى كۈچىيىپ، سودا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. پۈتۈن ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 111 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.3 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 25 ھەسسە ئاشتى.

قاتناش - تىرانسپورت كەسپىدە ئومۇمىي جەھەتتىن 1 - پەسىلدىن بۇيانقى جانلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، ئاۋىياتسىيە كەسپى يۇقىرى گۈللىنىشىنى ساقلاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىياننى ئازايتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 9 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.3 ئاشتى؛ زىيان 30 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىيان 700 مىليون يۈەن ئازايدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بىناكارلىق كەسپى ئاساسىي خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەش داۋالغۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كۆپ رايون، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى. پۈتۈن ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 12 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.9 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.8 ئاشتى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم بولدى، باھاسى ئۆرلىدى، سېتىلىشى راۋان بولدى، پۈتۈن ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 11 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.4 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 120 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىيان ئۆزگەرتىلىپ ئاشۇرغان پايدا 280 مىليون يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.