تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قاتنىغان يەرلىك جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى %50.43 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يىغىلىش مەركىزى دېيىلىدۇ) يەرلىكتىن يۈك تەشكىللەپ يىغقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 200گە يېقىنلىشىپ، يۈك توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 200 مىڭ توننا بولۇپ، سودا سوممىسى 1 مىليارد 100 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.43، %57.2، %111 ئېشىپ، يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى سىجىل ساقلىغان.

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلىتىمىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ غەربىي يولدىكى جۇڭگو بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان خەلقئارا گۇرۇپپىلاش تۈگۈنى.

ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 1 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جىشى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە ئومۇمىي جەھەتتىن نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولۇش، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇش، توشۇيدىغان مال تۈرلىرى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى، نۆۋەتتە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى توشۇپ يەتكۈزىدىغان مال تۈرلىرى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق خام ماتېرىياللىرى ھەم مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئون نەچچە تاۋار چوڭ تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوتتۇرىچە كۈنىگە ئىككى نۆۋەت نۆۋەتچى پويىز يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدۇ.

ئۈرۈمچىنىڭ شىنجاڭنىڭ مال مەنبەسىنى يىغىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىپ توپلاش، يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، تاموژنىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىرلىكىنى «پويىز»دىن «ۋاگون»غا ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىكى قۇرۇق ساندۇق ئامبار ئورنى بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاۋارلىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن يولغا چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ توشۇش كۈچىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ مال مەنبەسى تارقاق، تىرانسپورت تەننەرخى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كونتېينېرلارنى پويىزلاپ توشۇشنى گۇرۇپپىلاپ بىرىكتۈرۈپ تېز توشۇشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ھازىر بىز پەقەت تۆت - بەش كۈندىلا ئۈرۈمچىدە بىر پويىز كەلگۈدەك ئېكسپورت ماللىرىنى يىغالايمىز، كۆپچىلىك توشۇش ھەققىنى تەڭ كۆتۈرۈپ، تىرانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركىتىمىز تۈركىيە، گىرۇزىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، دەرەخ يىلىمى قاتارلىق تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلدى» دېدى شىنجاڭدىكى مەلۇم خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن تاۋ.

ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە قاتناش لىنىيەسىدىن 21ى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 19 دۆلەتتىكى 26 شەھەرگە يېتىپ بارىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.