تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئىقتىسادىدا «ئۆرلەش ئەگرى سىزىقى» سىزىپ چىقىلدى

سۈپەت، ئۈنۈم تەڭ ئاشتى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچەيدى

ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئىقتىسادىدا «ئۆرلەش ئەگرى سىزىقى» سىزىپ چىقىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادى «مۇقىم بولۇش» ئاساسىدا سۈرئىتى ئاشتى، سۈپىتىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىلىقلار بار بولدى − كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئېشىپ، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %8.7 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. %70تىن ئارتۇق سانائەت ساھەسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

ئىجادىي نەتىجە يارىتىش ئىرادىسى، مۇستەھكەم، قەتئىي ئىشەنچ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى:

ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي تەرىپى پۇختىلاندى

«كارخانىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئۈمىد بار.» 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى كې شيەنجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركەت يېڭى مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش ۋە زاپچاسلارنى تەۋەلەشتۈرۈپ يانداش ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى جەمئىي 4485 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ ساتتى، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 411 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى، يۇقىرىغا 16 مىليون يۈەن باج تاپشۇردى، شىنجاڭ ئىچىدە 56 مىليون 990 مىڭ يۈەن يانداش مەھسۇلات قىممىتىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %118 ئاشتى.

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ «ئۆرلەش ئەگرى سىزىقى»نىڭ ئىخچام كارتىنىسى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، جابدۇق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياجى جانلىنىپ، كارخانىلارنىڭ زاكازلىرى تولىمۇ يېتەرلىك بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، سودا ئاپتوموبىلى ۋە يېزا ئىگىلىكى ماشىنا - جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقاردى.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئاكتىپ قىياپىتىنى دەلىللىدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كانچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى؛ ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشتى؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 ئاشتى... سانائەتتىكى 40 ساھە چوڭ تۈرىدە، 30 ساھەنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان بولۇپ، %75.0نى ئىگىلىدى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 535 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.6 ئاشتى، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن %10.9 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى 71 مىليارد 509 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 ھەسسە ئاشتى، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن %47.1 ئاشتى.

مۇھىم ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتىدە، سېلىنمىمۇ تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %19.7كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. 50 مۇھىم، زور سانائەت تۈرىدە جەمئىي تاماملانغان سېلىنما 9 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ يىلىغا 600 مىڭ توننا ئېتاندىن ئېتىن ئىشلەپچىقىرىش، قومۇل گۇاڭخۇي مۇھىت قوغداش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق 38 تۈردە ئىش باشلىنىپ قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى. جۇڭتەي يەكەن 1 - قارارلىق 500 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش، سەنيۇ فۇشىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسىپ زەنجىرى، جۇڭتەي خەيخۇڭنىڭ 400 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق يىپ ئېگىرىش قاتارلىق سەككىز تۈردە قىسمەن ئىشقا كىرىشتۈرۈش ياكى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەت ئۆستى:

ئاكتىپ ئامىللار ئىشەنچنى كۈچەيتتى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىم بولۇش»ى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئامىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىشىدىن بولدى، شۇنداقلا يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەۋزەل كەسىپلەردە ئاچقۇچلۇق يادرولۇق جابدۇق ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە بازارنى ئېچىش جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، قومۇلدىكى شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق كارخانا − قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتور چەكلىك شىركىتىدە ئۈچ مېگاۋاتلىق شامال كۈچى گېنېراتورىدىن بىرى پۈتۈپ چىقتى.

بۇ يىل، قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتور چەكلىك شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۇنجى ئۈچ مېگاۋاتلىق شامال كۈچى گېنېراتورى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. يېقىندا، شىركەت دۆلەتنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەر خىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىسى قاتارىغا كىردى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شياۋشياڭ مۇنداق دېدى: «بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا تايىنىپ، ئالتە مېگاۋاتلىق، سەككىز مېگاۋاتلىق گېنېراتور تىپى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ سەپلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ، بازار ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك ماسلىشىمىز».

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)نىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭكىدىن يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2 مىليارد 367 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.9 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 20 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن يۇقىرى بولدى.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بورتالا ئوبلاستى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، بۇ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ئەلالاشقانلىقى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەڭشەلگەنلىكى، يېتەكچى ساھەلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جانلىق شەكىلدە سودىگەر چاقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.» بورتالا ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يې جياچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بورتالا ئوبلاستى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تاش ماتېرىياللىرى، مىس قېتىشمىسىدىن ئىبارەت 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىدىن ئىككىنى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت 10 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىدىن تۆتنى بەرپا قىلىدۇ».

مۇقىملىق ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىلدى:

تەرەققىيات يېڭى پوتېنسىئال ئېنېرگىيەسى توپلاندى

«مۇقىم بولۇش» بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى يارقىن نۇقتا، يېڭى ئەۋزەللىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پوتېنسىئال ئېنېرگىيەسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورى دەپ ئاتالدى. كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنى تېز ئورۇنلاشتۇرماقتا.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «5G+ سانائەت ئالاقە تورى» كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇپ، 5G مەۋھۇم كارخانا مەخسۇس تورى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قېزىش بۇلۇت سۇپىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، «تور + سانلىق مەلۇمات + ھېسابلاش ئۇسۇلى + ھېسابلاش ئىقتىدارى»دىن ئىبارەت كۆمۈر ئېلېكتىر بىر گەۋدىلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كۆمۈر ئېلېكتىر كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، بۇلۇتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش»كە ئومۇميۈزلۈك تىرەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ سانائەت ئالاقە تورى بىخەتەرلىك ھالىتىنى سېزىش سۇپىسى»، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ «سانائەت كارخانىلىرى تور بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە سۇپىسى»، قاراماي ۋە جۇڭيۈن تور تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ «ئاپتوموبىل ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى بويىچە شىفىرلاشتۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتى» ۋە «يۇقىرى سىجىللىقتىكى سودا مەخپىي نومۇرىنى ئاساس قىلغان سانائەت ئالاقە تورى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تور ئۆتكىلى» قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئالدىنقى قاتاردىكى ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى ياراتقان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 17 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69 ئاشتى؛ ياراتقان پايدىسى 6 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 ھەسسە ئاشتى.

بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن 63ى، كۆلەملىك نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 460 نەچچىسى، كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 510 نەچچىسى، يەككە سودا - سانائەتچىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقى قۇرۇلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ مو بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقى كارخانىسى 134كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 18 بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 550 مىڭ كىلولىتىرغا يەتتى.

كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ»ى ئىچىدىكى نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، نانچىلىق، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 50 مۇھىم، زور تۈرگە قارىتا سىجىل ئىز قوغلاپ ماسلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سانائەتنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.