تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئاساسىي گەۋدە»سى مۇقىملاشتى، تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

كومبايىن چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىسى جاڭا جەر شىمالىي كەنتىدە بۇغداي ئورۇماقتا (7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تارتىلغان). چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 157 مىڭ 900 مو بۇغداي كەينى - كەينىدىن پىشتى، دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇغداينى ئورۇپ، ھەربىر تال داننىڭ ئامبارغا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. □ ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يازنىڭ ئوتتۇرى، مول ھوسۇل ئېلىش كۆز ئالدىمىزدا.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 113 مىليارد 774 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.1 ئاشقان، ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %4.9 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا بارلىققا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا مۇقىم ئاساس ۋە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

تەمىنلەش كۈچلۈك بولدى

يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

6 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بۇغدايلار دولقۇنلاپ، ئالتۇن باشاقلارنىڭ خۇش ھىدى تارالدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كۈزگى بۇغدايلارنى ئورۇش، ھوسۇل يىغىش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى.

«بۇ يىل ئائىلىمىز 15 مو يەرگە بۇغداي تېرىدى، ئومۇمىي ھوسۇل 4000 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بۇنىڭدىن ياخشى كىرىم قىلالايمىز.» مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسى تۆمۈرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل ئەلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇغداي تېرىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى، ئائىلىمىزنىڭ بۇغداي تېرىشتىن قىلغان كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ھەم مول ھوسۇل ئېلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چىڭ تۇتۇشتا مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىزنى يۇقىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا مايىللىشىشىغا پائال تۈرتكە بولدى، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنىڭ ئازايماسلىقى، ھوسۇلنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى تېخنىك خادىملارنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىش كۆلىمى 17 مىليون 89 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.2 ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، ھوسۇل 6 مىليون 281 مىڭ توننىغا يېتىپ، %7.7 ئېشىپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.

چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيەلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن بايلىق، مۇھىت ئۆزئارا ماسلاشقان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، مەۋقەنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەۋقەنى يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، خاس چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بېقىلىۋاتقان چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى 118 مىليون 322 مىڭ 900 تۇياق(دانە) بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.8 ئاشتى؛ سېتىپ چىقىرىلغان چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى 75 مىليون 641 مىڭ 600 تۇياق(دانە) بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.4 ئاشتى؛ چوشقا، كالا، قوي ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 833 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.1 ئاشتى، چارۋىلارنىڭ بېقىلىشى ۋە سېتىلىشىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

يېشىل يېتەكلەش

تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندى

7 - ئايدىن بۇيان، پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ئاچقۇچلۇق پەرۋىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدىكى مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«كەنتىمىزدىكى پاختىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، مەھسۇلات مىقدارىمۇ يېتەرلىك، شۇنداقلا كېۋەزگە قارىتا يېشىل ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سەۋىيەمىز ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە» دېدى جۇكىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن يىڭچۈن، بۇ يىل، جۇكىن كەنتى يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللاندى، دېھقانلار يان تېلېفون ئارقىلىقلا كېۋەزلىكنى سۇغىرىش مەشغۇلاتى قىلالايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەم كۈچى تېجىلىپلا قالماي، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى.

«بىز پاختا ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا يەمچۈك ئارقىلىق يوقىتىش دورىسى، ھاشارات ئۆلتۈرۈش چىرىغى ۋە بىيودېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلاندۇق.» سۈن يىڭچۈن مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، زەھىرى كۈچلۈك بىر قىسىم دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ئىشقا ئاشتى، ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان ئالاقىدار تېخنىكىلار ئومۇملاشتى، كېڭەيتىلدى، ھەر مو يەرگە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ تەننەرخىنى 100 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى، پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنى 50 كىلوگىرام ئەتراپىدا كۆپەيتكىلى، كىرىمنى 200 يۈەنگە يېقىن ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى يادرو قىلىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا يەنىمۇ مەركەزلىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مەنبەسى كاپالىتى بولمىغان، مېۋىلىك دەرەخ بىلەن كېۋەز كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان 1 مىليون 400 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىكنى ئازايتتى، كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى. پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى «جۇڭگو ئىسپىندو سۇلفاتنى شاللاش تۈرى» خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىسپىندو سۇلفاتنىڭ ئورنىغا باشقىنى دەسسىتىش ئۇسۇلىدا تاللاش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە كېۋەزدىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ پۈتۈن مۇساپىدە يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكا ئەندىزىسىنى ئېچىش ئاساسىدا، ئېكولوگىيەلىك تىزگىنلەش، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى تەدبىرلىرى، فىزىكىلىق ئۇسۇل، كۈشەندە ۋە بىيودېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىق خىمىيەسىز ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ۋە ئىلمىي دورا ئىشلىتىشنى ئاساس قىلغان يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەر تۈرتكە بولۇش

ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم بارغانسېرى ئاشتى

يېقىندا، 2021 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى تەنتەنىلىك باشلاندى، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر موڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشكەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئاتچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھېس قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاتچىلىق كەسپى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت كەسپىنى قېزىش قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلغار بىيودورا ياساش تېخنىكىسىغا تايىنىپ شەكىللەندۈرگەن «بوغاز ئات بىرىكمە ئانىلىق ھورمۇنى» كەسپى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تىپقا ئايلاندى.

«شىركەت ئىشلەپچىقارغان <بوغاز ئات بىرىكمە ئانىلىق ھورمۇنى>غا ئالاقىدار مەھسۇلاتلار 26 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشتى.» شىنجاڭ شىنزىيۈەن بىيودورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى لو جۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ شىنزىيۈەن بىيودورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەر شارى بويىچە بوغاز ئات بىرىكمە ئانىلىق ھورمۇنىنى سانائەتلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىدىغان 2 - كارخانىغا ئايلاندى، مەھسۇلاتىنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. نۆۋەتتە، كارخانا جۇڭگو دورىگەرلىك داشۆسى، سۇجوۋ داشۆ، نەنجىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى داشۆسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئات يېغى، ئات قېنى زەردابى قاتارلىق بىيو مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ شىنزىيۈەن بىيودورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 3000دىن كۆپرەك باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بوغاز ئات سۈيدۈكىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 5.5 يۈەن بولدى. ئىلگىرى ھېچكىم سوراپمۇ قويمايدىغان بوغاز ئات سۈيدۈكى پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپنىڭ تۈرتكىسىدە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېڭى ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى.

ئاتچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئىلى ئېتى كەسپى، ئۈزۈمچىلىك كەسپىدىن ئىبارەت ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىدىن ئىككىنى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى كۈچلۈك بازاردىن يەتتىنى، بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇلۇشىدىن 20نى تېز ئالغا سىلجىتتى، قاراقاش ناھىيەسى بىلەن قورغاس ناھىيەسى 2021 - يىللىق دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىش تىزىملىكىگە كىردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 80 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.