تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

غايە - ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ سەپىرى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىشى

− ئۇزۇن سەپەر روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چيەنچيەن

شياڭجياڭ دەرياسىدا قان كېچىپ جەڭ قىلىش، ۋۇجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىش، قارلىق تاغقا يامىشىش، ئوتلاقتىن ئۆتۈش... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدا «ئالتە تەرەپلىك + 4D» چۆكمە كىنوخانا كۆرۈرمەنلەرنى ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلغاندىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈشكە باشلاپ كىردى.

«ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك.» فىلىمنىڭ ئاخىرىدا چىققان بۇ خەتلەر قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

80 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىپ توسۇشىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سەپەرنى تاماملىدى. بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشقا ئىرادە باغلاپ، چوڭ قەدەم بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يۈرۈش قىلدى.

غايە ۋە ئېتىقاد

مەيلى قانچىلىك زور خەۋپ - خەتەر، توسالغۇنى باشتىن كەچۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، گېنېراتورنى جەزمەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يۈدۈپ ئاپىرىش كېرەك، بۇ، بۇرچ!

1934 - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشكە تەييارلىق قىلدى. تەشكىل 128 كىشىلىك كۈچەيتىلگەن بىر ليەننى مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بىردىنبىر تېلېگراف ئاپپاراتى ۋە 68 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قول بىلەن ئايلاندۇرۇلىدىغان گېنېراتورنى قوغداشقا ئەۋەتتى. دەسلەپتە سەككىز ئادەم گېنېراتورنى نۆۋەتلىشىپ كۆتۈرۈپ ماڭدى، ليەندۈيدە تالاپەتكە ئۇچرىغان جەڭچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، گېنېراتورنى كۆتۈرىدىغانلار بارغانسېرى ئازايدى.

مەيلى قانچىلىك مۈشكۈل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئېغىر، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان گېنېراتور باشتىن - ئاخىر تاشلىنىپ قالمىدى. ئوتلاقتىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، كۈچەيتىلگەن ليەندە ئۈچلا ئادەم قالدى، بۇ ئۈچ جەڭچى ئۈسكۈنىلەرنى يەنئەنگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ، قىسىمنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەشكىل تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندىدى.

«ئۇزۇن سەپەر غايە - ئېتىقادنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سەپىرى». باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بوران - چاپقۇنغا تولغان ئۇزۇن سەپەر يولىدا يۈكسەك غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد يول بويى قىزىل ئارمىيەنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى.

80 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ئەزەلدىن يوقىلىپ كەتمىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن ئازادلىق ئۇرۇشىغىچە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشتىن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە... كوممۇنىستلار ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان روھى بىلەن نۇرغۇنلىغان ھەيۋەتلىك، مەردانە مەنىۋى زەپەر مارشىنى پۈتتى.

يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتۈپ چىقتى.

2019 - يىلى قىيان كەلگەندە، نامراتلارنى يۆلەش كادىرى خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ھاياتى 30 ياشتا مەڭگۈ توختاپ قالدى. ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، ئۇ دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىنىڭ كەنتتە تۇرغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ «قەلبىمدىكى ئۇزۇن سەپەر!» دەپ يازغانىدى.

گۇاڭشىنىڭ لېيې ناھىيەسى بەينى كەنتىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خۇاڭ ۋېنشيۇ يۇرتداشلار ئۈچۈن توختىماي چېپىپ يۈرۈپ، 88 ئائىلىدىكى 418 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى. ئۇ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شەخسىي ئاپتوموبىلىنى خىزمەت ئاپتوموبىلى ئورنىدا ئىشلەتتى، كەنتتە تۇرۇش ۋاقتى بىر يىلغا توشقان كۈنى ئاپتوموبىلنىڭ باسقان مۇساپىسى دەل 25 مىڭ كىلومېتىر كۆپەيگەنىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە 1800دىن كۆپرەك كىشى قۇربان بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى.

جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىق، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش − بۇ، ئېتىقادنىڭ كۈچى!

يۆنىلىش ۋە يول

«گەر ئېرىشسە ئەجدىھا توپى يولباشچىغا، قېيىپ كەتمەي سەپ تۈزۈپ ماڭار، بۇلۇتلار توسسىمۇ ئادىشىپ كەتمەي، كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ ئۇچار.» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇ دېنىڭ «زۇنيى يىغىنى» ناملىق شېئىرىدا پارتىيە تارىخىدىكى ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

1935 - يىلى 1 - ئايدا، زۇنيى يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭ بو گۇ، لى دېنىڭ ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىشتىكى خاتالىقىنى دەل جايىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ تەھلىل قىلدى ۋە تەنقىد قىلدى، ھەم جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسى ۋە نۆۋەتتە قوللىنىشقا تېگىشلىك ھەربىي فاڭجېنىنى شەرھلەپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىغىن ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىدى.

زۇنيى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە «چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ قالتىس كارامىتىنى كۆرسىتىپ» «يولۋاسنى تاغدىن چۈشۈرۈپ جىنشاجياڭ دەرياسىغا ھۇجۇم قىلىپ»... كەينى - كەينىدىن غەلىبە قىلدى ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا، غەلىبىگە قاراپ ماڭدى.

ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى يۆنىلىش ۋە يولنىڭ غەلىبىسى. ئۇزۇن سەپەر جەريانى كوممۇنىستلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىنقىلاب يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانى بولدى.

100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار ئالاھىدە ئەقىل - پاراسىتى، شىجائىتى بىلەن يېڭى ئۇلۇغ يولنى ئاچتى.

1949 - يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 100 نەچچە يىلدىكى جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز بولۇش، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولىغا قەدەم قويدى؛

1978 - يىلى، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى؛

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى...

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېپىپ چىقتى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بۇ يولنىڭ توغرا، راۋان بولۇپلا قالماي، يەنە چوقۇم مەزمۇت ماڭغىلى، ياخشى ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلايدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ پارلاق داغدام يولنى بويلاپ مېڭىپ، ھەم ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ھەم دۇنياغا بەخت يارىتىمىز».

خەلق ۋە ھاكىمىيەت

1934 - يىلى 10 - ئايدا جياڭشى يۈدۇدىكى 300 مىڭ كىشى بىرلىكتە مۇنداق بىر چوڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىدى − كېچىدە، پۇقرالار ئىشىك قانىتى، كارىۋات تاختىيى ھەتتا گۈەنسەي ياغاچلىرىنى كۆتۈرۈپ، بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى ھەيدەپ قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن كۆۋرۈك سالدى؛ سەھەردە كۆۋرۈكنى چۇۋۇپ يوشۇرۇپ، ھەممىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئۇدا تۆت كۈن تەكرارلاندى، تاكى مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەممىسى دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانغىچە، دۈشمەن باشتىن - ئاخىر قىلچە سەزمىدى.

قىزىل ئارمىيەنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشىدا، خەلق يۆلەك بولدى.

گۇيجوۋدىكى شىچيەن كۇننيۇشەن تېغىدا، دۈشمەن قوشۇنى پۇقرالارنى تۇتۇپ كېلىپ «تەن قالقىنى» قىلدى، قىزىل ئارمىيە ئۆلۈشكە رازى بولدىكى پۇقرالارنى يارىلاندۇرمىدى، ئۆلۈشكە رازى بولدىكى ئەسىرگە چۈشمىدى، ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، قورال - ياراغلارنى چېقىۋېتىپ، تىك ياردىن سەكرىدى؛

«قىزىل ئارمىيە كەلسە، تويغۇدەك تاماق يېيەلەيمىز.» رۈيجىن شەھىرى يۈنشىشەن يېزىسىدىكى پۇقرالار قىزىل ئارمىيەنىڭ «يەرلىك زومىگەرلەرگە زەربە بېرىپ، يەرلەرنى تەقسىملەپ بېرىپ»، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ياد ئەتتى؛

ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسى خۇنەن رۇچېڭ ناھىيەسىدىكى شۈ جيېشيۇ موماينىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى، ماڭىدىغان چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ مومايغا قالدۇرۇپ قويدى...

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى، يېڭى دەۋر ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى سانسىزلىغان تەسىرلىك ھېكايىلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى: خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، ئۇلار جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئاممىسى بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

«ئوقۇغۇچىلارنى يىراقتا چىراغ بار، ئايىغى ئاستىدا يول بار، كۆز ئالدىدا نۇر بار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى قىزلار ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى − يۈننەن لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى رەسمىي قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گۈيمېي 2000غا يېقىن قىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىگە گۇۋاھ بولدى. مەكتەپ قۇرۇلغان 13 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىغان پىلدىرلىغۇچتەك، كۈن - كۈنلەپ تىنىم تاپماي، تاغلىق قىزلارنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى يورۇتتى.

«چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى مېنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىمنىڭ يىلتىزى، ھاياتىمنىڭ يىلتىزى، ئېگىزلىك تېببىي تەتقىقاتى مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشىم.» پۈتۈن بەدىنىنىڭ 14 يېرى سۇندى، ئىككى كۆزىگە ئاق چۈشتى، قۇلاق ناغرا پەردىسى تېشىلىپ كەتتى... كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ تيەنيى كېسەل ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېگىزلىكتە قەتئىي يىلتىز تارتىپ 50 نەچچە يىل دوختۇرلۇق قىلىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تۈمەنلىگەن ھاياتلىقنى ئۈن - تىنسىز قوغدىدى.

100 يىلدىن بۇيان، كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىدىغان روھىي پەزىلىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. يول بويى پارتىيە خەلققە تايىنىپ سانسىزلىغان جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇزۇن سەپەر يولىدا ماڭماقتا. تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا، كوممۇنىستلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتىدۇ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.