تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ

​□شىنجاڭ خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى (پىچان) چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى   مۇساجان مۇتەللىپ

مەن شىركەتنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پېچ تازىلاش بەنىنىڭ بەنجاڭى.

يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شىركىتىمىزگە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ بوھتان چاپلىدى ھەم يولسىزلارچە چەكلىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك! ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا خالىغانچە قارا چاپلاش قىلمىشىدىن مەن ئىنتايىن غەزەپلەندىم!

مەن شىركەتنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىركىتىمىزنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. كۆپ يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ مەدىتىدە، شىركىتىمىز پىچاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى. كارخانا ئاشكارا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ، ھەربىر خىزمەتچى ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ۋە ئۆزى ئىختىيار قىلىش، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە شىركەت بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالايدۇ. شىركەتنىڭ باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، شىركەت ئىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئەھۋالىغا ئاساسەن مائاشنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى ئاساسەن 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە بېيىش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. شىركەت ھەربىر خىزمەتچى ئۈچۈن سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ھەر مىللەت خىزمەتداشلار ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا، كۆڭۈل ئېچىشتا بىللە بولىدۇ، كۆپچىلىك ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، تېخنىكا ماھارىتىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ، بىز ھەممىمىز بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىدۇق.

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئامېرىكا تەرەپ ئۆزى توقۇپ ئۆزى ئوينىغان بىر مەيدان يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە تولغان رەزىل ئويۇن. شىركەتنىڭ بىر ئۇيغۇر خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۈچلۈك ئاۋازدا شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى: كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېنىق كۆرۈپ يېتەيلى، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ! شىركىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.