تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىم - سىم يامغۇردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ كىشىنى تېخىمۇ مەھلىيا قىلدى

□يۆ يەنيۈن

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن ئاقسۇغا كاماندىروپكىغا باردىم، قىسقىغىنا تۆت كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا ئىككى كۈن يامغۇر ياغدى، بىرى كېچىدە تۇيۇقسىز ياغقان قاتتىق يامغۇر بولۇپ، ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ بولدى؛ يەنە بىرى سىم - سىم يامغۇر بولۇپ، چۈشتىن كېيىندىن كەچقۇرۇنغىچە توختىماي ياغدى، مەن دولان دەرياسى بويىنى بويلاپ ماڭدىم، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ئەگمە كۆۋرۈك ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى، دەريادا دولقۇن يېنىك مەۋج ئۇراتتى، قىرغاقتىكى مەجنۇنتاللار پەردىگە ئوخشاش ساڭگىلاپ تۇراتتى، جەنۇبىي شىنجاڭ خۇددى جياڭنەندەك گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، بۇ مەنزىرە كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى.

يازدا يامغۇرنىڭ كۆپ يېغىشى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەرگىزمۇ ئايرىم ئەھۋال ياكى تاسادىپىيلىق ئەمەس. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا يېقىنقى 20 يىلدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارىدا يىلمۇيىل كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئاقسۇ شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى 1986 - يىلىدىكى 100 كۈندىن ھازىرقى 20 كۈن ئەتراپىغا ئازايغان، ھۆل - يېغىن مىقدارى 6.1 - 18 مىللىمېتىر كۆپەيگەن، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى %17.5 ئاشقان. كىلىمات ئۆزگىرىشى ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، چۆللۈكنى كۆكەرتىش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن بىپايان قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇردى، ئاقسۇدىكى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار تەبىئەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تەبىئەتنى ئىلمىي قوغدىغاندا، تەبىئەت ھەمىشە سېخىيلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماددىي تۇرمۇشى بارغانسېرى ھاللىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېكولوگىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، خەلق ئاممىسىنى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، مەيىن شاماللىق، نەمخۇش مۇھىتتا تەبىئەت گۈزەللىكى، ھاياتلىق گۈزەللىكى، تۇرمۇش گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.