□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما چېڭلۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى نا
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يۈكسەكلىككە ئىگە، چوڭقۇرلۇققا ئىگە، سالمىقى بار، كەڭ دائىرىلىك مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، پارتىيە دەرسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولدى.
«بىرىنچى قول» باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش. ئىلى ئوبلاستى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر پارتىيە دەرسى سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ ئوبلاستتىكى تۆت يۈرۈش بەنزە رەھبەرلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ ئۆگىنىش، مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 70 تارماق (ئورۇن)نىڭ رەھبەرلىرى ئۆز تارمىقى (ئورنى)دا لېكسىيە سۆزلىدى، 11 ناھىيە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئورگان، مەھەللە، يېزا، كارخانا، مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلىدى.
ئون مىڭ شۇجى كەڭ دائىرىدە سۆزلەش. ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 727 پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ تەشكىللەپ، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، گىرەلىشىپ پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، بىرلىشىپ پارتىيە دەرسى ئۆتۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، 8000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى قانات يايدۇرۇلدى، 195 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر تەربىيەلەندى.
نەمۇنىلار، ئىلغارلار مەخسۇس تېمىدا سۆزلەش. ئىلى ئوبلاستى يەنە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ھەمدە ئىلغار تىپلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى تەسىس قىلدى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئون نەچچە مەيدان قېتىم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. ھازىرغىچە، ئىلى ئوبلاستى پېشقەدەم شۇجى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم نەمۇنىچىدىن 1165نى تەكلىپ قىلىپ، 3412 مەيدان قېتىم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى قانات يايدۇردى، 68 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر تەربىيە ئالدى.
بايلىقتىن جانلىق پايدىلىنىپ ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ سۆزلەش. بەزى كەنتلەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇش، ئولتۇراقلىشىشى تارقاق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئوبلاسىت 22 مىڭ 600 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق «ھەرىكەتچان پارتىيە دەرسى»نى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە دەرسىنى مۇقىم سورۇندىن چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كىگىز ئۆي، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارغا كېڭەيتتى. ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىدىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى يەنە «پارتىيە دەرسى سۆزلەش باشلاندى» «پارتىيە تارىخىنى سۆزلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق مىكرو پارتىيە دەرسى مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدىكى مىكرو پارتىيە دەرسىنى ۋاقتىدا ئۇلاپ تارقىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تور دەرسخانىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.