تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.9 ئاشتى

يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ پۇختا مېڭىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش​

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.9 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ليۇ شياڭنىڭ 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم 2021 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى «ئىشنى باشلاش» ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 732 مىليارد 890 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.9 ئاشقان.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىملىق پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىسى، سىياسەت پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بەردى، ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە <يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ پۇختا مېڭىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش> ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، <14 - بەش يىل>دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ شيۇخۇڭ.

ساھەلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 113 مىليارد 774 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.1 ئاشقان، ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %4.9 ئاشقان؛ يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان، 2021 - يىلى، يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 89 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.2 ئاشقان؛ ھوسۇلنىڭ 6 مىليون 281 مىڭ توننىغا يېتىپ، %7.7 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.4 ئاشقان، ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %8.7 ئاشقان؛ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە ئاشقان، 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 535 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، %30.6 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا 71 مىليارد 509 مىليون يۈەن بولۇپ، 2.2 ھەسسە ئاشقان، ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %47.1 ئاشقان.

ئىستېمال بازىرى سىجىل ياخشىلانغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 160 مىليارد 980 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.8 ئاشقان؛ يېڭىچە ئىستېمال تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، چەكتىن يۇقىرى توپ، پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاۋار سودىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %44.1 ئاشقان، چەكتىن يۇقىرى قونالغۇ كەسپى ئورۇنلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ياتاق كىرىمى %87.4 ئاشقان، چەكتىن يۇقىرى يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئورۇنلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان يېمەك - ئىچمەك كىرىمى %35.0 ئاشقان.

تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى سىجىل، بىرقەدەر يۇقىرى ئاشقان، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.6 ئاشقان، ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن %27.1 ئاشقان.

مۇلازىمەت كەسپى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى تېز سۈرئەتتە قايتا جانلانغان. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 110 مىليارد 379 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.5 ئاشقان.

«كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا پۇختا ئاساس سالىمىز» دېدى سۇڭ شيۇخۇڭ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»دىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالى ئېلان قىلىندى، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 930 مىليارد 688 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 1 تىرىليون 379 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.