تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قان تومۇرغا سىڭگەن ئېتىقاد، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان كۈچ

​− سوۋېت رايونى روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لەي شىڭ، ۋۇ خۇييىڭ

1921 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇردى. ئون يىلدىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ ۋەكىللىكىدىكى كوممۇنىستلار جياڭشىدىكى رۈيجىندا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇلار كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلۇغ تەييارلىقىنى باشلىدى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە مۇستەھكەم ئېتىقاد، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، بىر نىيەتتە خەلقنى كۆزلەش، پاك - دۇرۇس بولۇش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ماھىيەتلىك مەزمۇن قىلغان سوۋېت رايونى روھىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ سوۋېت رايونىدىكى ئوغۇل - قىزلارنىڭ قان تومۇرىغا سىڭگەن ئېتىقادقا ئايلىنىپ ھەم يىللار داۋامىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ، قىزىل تۇپراقتىن پۈتۈن جۇڭگوغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

(1)

«ئۇ دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىغاندا ماچتىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر كېمە، ئۇ ئېگىز تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ شەرققە قارىغاندا كۆرگىلى بولىدىغان، ئەتراپقا نۇر چېچىپ كۆتۈرۈلىۋاتقان ئەتىگەنكى قۇياش، ئۇ ئانا قورسىقىدا تىنماي تىپىرلاپ يېتىلەي دەپ قالغان بىر بوۋاق».

1930 - يىلى، يولداش ماۋ زېدۇڭ «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، جۇڭگو ئىنقىلابى يۇقىرى دولقۇنىنىڭ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قىزىل 4 - ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي جياڭشى، غەربىي فۇجيەندە ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.

ئارىدىن 90 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىز يەنىلا بۇ پاساھەتلىك سۆزلەردىن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مىللەت ئارزۇسى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كۈچنى ھېس قىلالايمىز، بۇ، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى تارىخىي ئەكس سادا.

غايە - ئېتىقادنىڭ چىڭلىقى ئىدىيە - نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكتىن كېلىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ غايە - ئېتىقادقا بولغان قەتئىي ئىنتىلىشى دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساپ مۇھەببەتتىن كېلىپلا قالماي، يەنە ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەگە بولغان ئەقلىي تونۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ!» سوۋېت رايونى مەزگىلىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىنقىلابىي كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشتا جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە تايىنىش كېرەك».

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، بىزنىڭ يەنىلا سوۋېت رايونى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» داۋامىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ −

ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك!

(2)

خەلق رايى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەڭگۈلۈك «تايانچ بازىسى».

زادى قانداق كۈچ پۇقرالارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى؟

بۇنىڭ جاۋابى بەلكى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ سەمىمىي ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىدە ئەكس ئەتسە كېرەك. 1934 - يىلى، ئۇ رۈيجىندا «ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى شەرھلىدى: «ھەقىقىي پولات ئىستېھكام دېگەن نېمە؟ ئۇ ئامما، ئۇ ئىنقىلابنى چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان مىليونلىغان ئامما».

مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ ياش سىياسىي پارتىيە «كىچىك بالىلار مەكتەپتە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنى قۇردۇڭلارمۇ»، «ئۇدۇلدىكى ياغاچ كۆۋرۈك بەك كىچىك بولغاچقا پىيادىلەر يىقىلىپ چۈشىدۇ، رېمونت قىلىپ قويۇش كېرەكمۇ - قانداق» دېگەنگە ئوخشاش ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «كىچىك ئىش»لارنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتكەن بولسىمۇ، «خەلق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ئەسلىي مەقسەت باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى.

«بىز خەلق ئاممىسىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغانلىقىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.

پاك - دۇرۇس بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوۋېت رايونىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. «ياخشى ئىستىل سوۋېت رايون كادىرلىرىدا، ئىش بىجىرسە ئالغاچ بارار بوغچىدا ئوزۇق» دېگەن تاغ ناخشىسى ئەينى يىلى سوۋېت رايونىدىكى خەلقنىڭ سوۋېت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلىنى مەدھىيەلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەنىدى.

ئەسلىي مەقسەتنى تۇرغۇزۇش ئاسان، باشتىن - ئاخىر ساقلاش تەس. پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئىزچىل ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ زەربە بېرىپ، تۈزۈم قەپىسىنى چىڭ توقۇپ، كۆزىتىش ئۆتكۈر «شەمشىرى»نى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش ... جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئىرادىسى بىلەن، ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىدىكى كېسەلنى تۈگىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق توغرا ئىستىل، ساغلام كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر گۈللەپ ياشنىشىغا قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

«ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» − مانا بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتابى!

(3)

جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك ھاكىمىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى 12 پارچە سوۋېت رايونىنى بىرتۇتاش باشقۇرغان، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىليون بولغان.

لېكىن، سەھرادىكى ئاران 500 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە ئىبادەتخانىغا پۈتكۈل قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ باش ئورگىنى «سىغقان». رۈيجىن يېپىڭ بازىرىدىكى شيېجيا ئىبادەتخانىسىغا كىرگەندە، تاختاي بىلەن ئايرىلغان ئوندىن ئارتۇق كىچىك ئۆينى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئىسمى جاراڭلىق: دىپلوماتىيە خەلق ھەيئىتى بۆلۈمى، ئەدلىيە خەلق ھەيئىتى بۆلۈمى...

دەل مۇشۇنداق جاپالىق مۇھىتتا، كەڭ سوۋېت رايونىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار «بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت»نى يارىتىشتەك ئىلگىرىلەش روھى بىلەن ئاڭلىق ھالدا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوۋېت رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىنتايىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن.

تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئەينى چاغدا سوۋېت رايونىدىكى ئىلغار ناھىيەلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %60كە يەتكەن، ھالبۇكى ئاقلار رايونىدىكى مائارىپ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دەپ قارالغان جياڭسۇ ئۆلكىسىدىمۇ پەقەت %10لا بولغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكى سوۋېت رايونى مەزگىلىدە نامايان بولۇشقا باشلىغان.

رۈيجىندىن بېيجىڭغىچە، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىنغان بىر قىزىل سىزىق كوممۇنىستلارنىڭ كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، نەچچە ئون يىلدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىگە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگودا مۇتلەق نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى. يول ئۇزۇن، پەقەت قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن «بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت»نى داۋاملىق ياراتقىلى بولىدۇ.

(4)

يۈدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى دولقۇنلىنىپ جىمىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ خۇددى تەلپۈنۈپ توختىماي سوقۇپ تۇرغان يۈرەككە ئوخشايدۇ.

قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يەسىرەسى، يېشى 100دىن ئاشقان دۇەن گۈيشيۇ دائىم ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كەنتكە كىرىدىغان يېزا يولىغا تەلمۈرۈپ قارايدۇ. «مەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە قايتىپ كېلىمەن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ، چوقۇم قايتىپ كېلىشىمنى كۈتۈڭ.» ئېرىنىڭ 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئايرىلىش ئالدىدا قىلغان بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئۇ ئېرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى بىر ئۆمۈر تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى.

مەركىزىي سوۋېت رايونىدا، بىر ئۆمۈر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەنلەرنىڭ ھېكايىلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. جەنۇبىي جياڭشىدىكى ئىسىم - فامىلىسى بار ئىنقىلابىي قۇربان 108 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 32 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ شىمالغا كەتكەنچە ئىز - دېرىكى بولمىغان؛ ئۇزۇن سەپەر يولىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئومۇمىي ئارقا مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىزىل 34 - شىدىكى 6000دىن ئارتۇق كىشى ئاساسلىقى غەربىي فۇجيەن پەرزەنتلىرى بولۇپ، شياڭجياڭ ئۇرۇشىدا ھەممىسى دېگۈدەك قۇربان بولغان... سوۋېت رايونىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە كەڭ ئامما بارلىقى بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى ۋە قۇربان بەردى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

«ئەگەر بىز ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەممىدىن بەك خىزمەت قىلىدىغان كەسىپنى تاللىغان بولساق، ئۇنداقتا ئېغىر يۈك بىزنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كۆپچىلىك ئۈچۈن قۇربان بېرىش...» بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ماركس مۇنداق دەپ يازغان: «بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئۈن - تىنسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ مەڭگۈ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ھالبۇكى بىزنىڭ جەسەت كۈلىمىز ئالدىدا، ئالىيجاناب كىشىلەر ئىسسىق ياش تۆكمەي قالمايدۇ».

خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆكۈنمەي ئۆزىنى بېغىشلاپ، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەننى شەرھلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان، 1800دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانلىرىدا، زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، يېڭى دەۋردىكى قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتتى.

كۈرەش قىلغاندا، قۇربان بېرىش بولىدۇ. ئۇلۇغ قۇربان بېرىش ئۇلۇغ روھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلۇغ روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان كۈچكە ئىگە. پارتىيەمىز 100 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ياشناپ تۇرالىشىدا، دەل ئاشۇنداق ئىنقىلاب ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىدىغان قۇدرەتلىك روھقا تايانغان.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوۋېت رايونى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەر داۋامىدا، چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.