تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، مەۋقە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم، زور پەيتكە ۋە «ئىككى 100 يىل» تارىخىي كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە قويۇلۇپ، شانلىق تارىخ قايتا ئەسلەنگەن، پارلاق كەلگۈسى پىلانلانغان بولۇپ، ئۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە باشتىن - ئاخىر دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈش، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن ئىشەنچ ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، داۋاملىق تۈردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. غايە - ئېتىقادنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى رازى قىلىش، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنى رازى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.