تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خاس كەسىپلەر گۈللەندى، بېيىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيدى

گۇما ناھىيەسىنىڭ خېجيا يېڭى كەنتىدە:

خاس كەسىپلەر گۈللەندى، بېيىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيدى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

ئۇ سەھەر تۇرۇپ يۈز - كۆزىنى يۇيۇپ، خوتۇنى بىلەن بىللە ناشتىلىق تەييارلىدى، تاماقتىن كېيىن ئوغلىنى يەسلىگە ئاپىرىۋېتىپ، خوتۇنى بىلەن بىللە خىزمەت ئورنىغا باردى... باشقا جايغا كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى − گۇما ناھىيەسى خېجيا يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشلار ئابدۇقادىر مەمەتنىيازنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلاندى.

«كۆچۈرۈپ كېلىشتىن بۇرۇن، بىز چودا يېزىسى سېۋەتچاقا كەنتىدە تۇراتتۇق، كىرىم قىلىشتا ئاساسلىقى پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تايىناتتۇق. يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، خىزمىتىمىز مۇقىملاشتى، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم بولدى» دېدى ئابدۇقادىر 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پەخىرلەنگەن ھالدا. كۆچۈپ كەلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئابدۇقادىر يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە قوي قوتىنى، پارنىكى، تېرىلغۇ يېرىمۇ بار بولدى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن گۇما ناھىيەسىدىكى جىجياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېڭى تۇرمۇش ئابدۇقادىر ئائىلىسىنىڭ قىياپىتىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

2018 - يىلى 1 - ئايدا، گۇما ناھىيەسى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى − خېجيا يېڭى كەنتىنى قۇردى. خېجيا يېڭى كەنتى «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەۋزەل كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنى «كەسىپلەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىم قىلىش»تەك كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خېجيا يېڭى كەنتىگە كىرگەندە، توشقان كاتىكى، ئېشەك ئېغىلى، قوي قوتىنى، كۆكتات پارنىكى قاتارلىقلارنىڭ رەتلىك ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. گۇما ناھىيەسىنىڭ سەككىز يېزا - بازىرىدىكى دېھقانلار «تېخنىك» «باشقۇرغۇچى» «مال ساتقۇچى»لارغا ئايلىنىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىپ، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈردى.

خېجيا يېڭى كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى جوۋ ياكې مۇنداق تونۇشتۇردى: شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت 600 پارنىك ۋە 1004 قوتان سېلىپ، ھەربىر كۆچۈرۈلگەن ئائىلىگە 80 كىۋادرات مېتىرلىق قوتاندىن بىرنى ۋە پارنىكتىن بىرنى تەقسىملەپ بەردى، ئۇلار بۇنى چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇما ناھىيەسى جىجياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، گۇما ناھىيەسى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە، خېجيا يېڭى كەنتىدە 905 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«مېنىڭ باقمىچىلىق مەركىزىدە ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى، ئايلىق كىرىمىم 3000 يۈەن.» گۇما ناھىيەسىنىڭ خېجيا يېڭى كەنتىدىكى ئېشەك ئۆلچەملىك باقمىچىلىق مەركىزىگە كىرگەندە، مەخمۇت ئابدۇقادىر ئېشەككە يەم - خەشەك سېلىپ بەرگەچ شۇنداق دېدى.

خېجيا يېڭى كەنتىدىكى ئېشەك ئۆلچەملىك باقمىچىلىق مەركىزى گۇما ناھىيەسىدىكى خوتەن كۆك ئېشىكىنى باقىدىغان مۇھىم باقمىچىلىق بازىسى. بۇ يەردە، دېھقان ئائىلىلىرى ئۆزلىرى ئېشەك بېقىپ، ئېشەك سۈتى ساتسا بولىدۇ، ئېشەكنى كارخانىلارغا ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپ، ھەر يىلى پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشسىمۇ بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، باقمىچىلىق مەركىزى 5000 تۇياق ئېشەك باقتى، بۇ، 5000 ئائىلىلىك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا چېتىلىدۇ، سۈت بېرىدىغان ئېشەكنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ھاۋالىلىك بېقىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ھەربىر ئائىلە يىلىغا 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدۇ.

ئېشەكچىلىك كەسپى پەقەت گۇما ناھىيەسىنىڭ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ بىركارتىنىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى ئېشەك، غاز، توشقان، قوي، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ كەسىپ» نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە جەمئىي 42 مىڭ 300 ئېشەك، 6 مىليون غاز، 9 مىليون توشقان، 132 مىڭ قوي باقتى، 15 مىليون خالتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈردى. خاس كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى، ماڭغانسېرى راۋانلاشتى.

جوۋ ياكې مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، بىز يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستىراھەت بېلىق تۇتۇش، مېۋە - چېۋە ئۈزۈش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن خاس كەنتنى پىلانلاپ قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قالتىس كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز».

خاس كەسىپلەر بەخت تېز كۇنۇپكىسىنى باستى

□ پەرىزات ئابدۇل

توشقان بېقىش، ئېشەك بېقىش، قوي بېقىش... يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن، ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەن خاس كەسىپلەر يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان «چوڭ كەسىپ»كە ئايلانماقتا، تەر تۆكۈپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان سىيمالار كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە. ئىلگىرى ئېغىر نامرات ناھىيە بولغان گۇما ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تاپتى ھەم پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلدى، گۈللەنگەن خاس كەسىپلەر شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ بەخت تېز كۇنۇپكىسىنى باستى.

كەسىپ گۈللەنسە يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى ئاندىن مۇقىم ئاشىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، گۇما ناھىيەسى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.