تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز 61 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 61 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان، ئىش باشلاش نىسبىتى %76 بولۇپ، جەمئىي 21 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بوغۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

يېڭىدىن ئىش باشلانغان 61 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە، سۇچىلىق جەھەتتە قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنىڭ داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ قاتناش جەھەتتە جياڭجۈنمياۋ − نوم تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرى، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى قاتارلىق يەتتە تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ ئېنېرگىيە جەھەتتە 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، ۋېنجىساڭ زاپاس گاز ئامبىرى توپى ۋېنشى 1 - ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق ئون تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ يەرلىك تورىدا يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى كېڭەيتىش ھەم 5G تورى قۇرۇلۇش تۈرى، جېجياڭ رۇڭشياڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 5000 ئۇرچۇقلۇق توقۇش ماشىنىسى تۈرى قاتارلىق 18 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرى، 2021 - يىللىق شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 20 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.