تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى​

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى، چېن ۋېيجۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

تيەن شياڭلى سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ھەقىقىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، ئىنتىزام، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى، ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. خىزمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان سىياسەتلەرنى تۈزۈش، مەسىلىنى دەل جايىدا ھەل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى بولۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ مۇلازىمەت» سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.