تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ئۈچ تۈرلۈك كەسىپنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ئۈچ تۈرلۈك كەسىپنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز تاۋار ئۆيلەرنى ئالدىن سېتىش ۋە رەنىگە قويۇشقا چېتىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈكنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ تىزىملاش، تىزىملاش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش، رەنىگە قويۇپ تىزىملاشتىن ئىبارەت كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ئۈچ تۈرلۈك كەسىپنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان، كارخانىلار ۋە ئامما باشقا جايدا «يۈز كۆرۈشمەي، قاترىماي» تۇرۇپلا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كارخانىلار بىلەن ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ رايون ھالقىپ، ئۆلكە ھالقىپ يۆتكىلىشى دائىملىق نورمال ھالەتكە ئايلاندى، ئۇزاق ۋاقىت سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن، تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئوقۇغان ئامما ئۆيى تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرگەندە نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بېسىپ تارقىتىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە <ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش>نى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»دە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ئۈچ تۈرلۈك كەسىپنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىشلىرىدىكى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۈچ تۈرلۈك كەسىپنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى پائال ئالغا سىلجىتقان.

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىنىڭ سىرتقا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، بىرلىككە كەلگەن دەلىللەپ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئالاقە تورىدا ماتېرىيال تاپشۇرۇش، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، بىرلىككە كەلگەن توردا ھەق تاپشۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە تارقىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش ئەندىزىسىنى بېكىتتى.

«بىز مەۋقەنى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاساسىغا قويۇپ، <تاشقى توردا ئىلتىماس قىلىش، ئىچكى توردا تەكشۈرۈپ بېكىتىش> ئەندىزىسىگە ئاساسەن، ئالاقە تورى، سالاھىيەتنى دەلىللەش، چىراينى تونۇش قاتارلىق تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تور مۇلازىمەت زالى تەسىس قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تاڭئاتار كېرىماخۇن مۇنداق دېدى: «توغرا يۆنىلىشتە، <باش ئاپپارات بىلەن باش ئاپپاراتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش> شەكلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى توردا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۇپىسى، مالىيە باجدىن باشقا كىرىمنى يىغىش - تاپشۇرۇش سىستېمىسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، باج ئىدارىسى بىلەن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تىك يۆنىلىشتە، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ تىزىملاش سىستېمىسىغا بىۋاسىتە ئۇلاپ، ئاممىنى بىرلىككە كەلگەن ئالاقە تورىدا ئىلتىماس قىلىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ باشقا جايدا ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق».

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە شۇ دەرىجىلىك ۋە بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ئۈچ تۈرلۈك كەسىپنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى تېخنىكا قاتلىمىدىن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك كەسىپ سىنىقى خىزمىتىنى تاماملىدى ھەم رەسىمىي تۈردە تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈرۈپ، ئامما باشقا جايدا ئىش بېجىرگەندە «كۆپ جايغا قاتراش» «يېنىشلاپ قاتراش»، قەغەز ماتېرىيالنى تەكرار تاپشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ شەھەرلەر ئارا، ئۆلكىلەر ئارا تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرگەندە ئۇياقتىن بۇياققا قاتراش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تىزىملاشنى بېجىرىش ۋاقىت تەننەرخى ۋە تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

تاڭئاتار كېرىماخۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە كەڭ دائىرىلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى ئالاقىدار ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر، نىمكەش ئۆيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تىزىملاش ھەم باشقا كەسىپنى تەرتىپلىك ھالدا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن كەسىپ بويىچە ئۆلكە ھالقىپ ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، باشقا جايدا بېجىرگىلى بولۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.