تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

«ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش»تە يەتكۈزۈلگىنى ئاۋاتلىقلا ئەمەس

□يۆ يەنيۈن

7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 88 مىليون 40 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە 2019 ـ يىلى، 2020 ـ يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئېشىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بىر كۈچكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش» ھەرىكىتى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4 ـ ئايدا، «جىتەي ناملىق» «ۋەنخې ناملىق» «جىڭخې ناملىق» قاتارلىق كۆپلىگەن ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن يولغا چىقىپ، «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش»نىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاۋاتلىق قوشۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە تەرەققىيات ئىشەنچىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى قاتارلىقلار بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، بۇ، شىنجاڭغا ساياھەتچىلەرنى يەتكۈزۈپ، تۈر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى... شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، يەنە شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى ئۈچۈنمۇ تۈرتكىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىشىنىمىزكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسىلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشى بولسىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوقۇم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.