تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت چوڭ سۇپا» ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى

قاراماي شەھىرى:

«تۆت چوڭ سۇپا» ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جاۋگېڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى «تۆت چوڭ سۇپا» بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

«تۆت چوڭ سۇپا»: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىگە تايىنىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش «چوڭ مەكتىپى» قۇرۇش؛ قىزىل تەربىيە بازىسىغا تايىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش «چوڭ بازىسى» بەرپا قىلىش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركەزلىرىگە تايىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش «چوڭ مەركىزى» بەرپا قىلىش؛ خاس پائالىيەتلەر ۋاسىتىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش «چوڭ سەھنىسى» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى لو نېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى «10 مىڭ پارتىيە ئەزاسى پارتىيە مەكتىپىگە كىرىش» تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى «بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش»تىن ئىبارەت خىزمەت پىكىر يولىغا ئاساسەن، پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر سۆزلەش، ئېنىق سۆزلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى 130 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

قاراماي شەھىرى يەنە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى نېفىت روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىسى» ئەندىزىسىگە ئاساسەن، كادىرلار پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتتى. ھازىرغا قەدەر، كادىرلار پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسى قاراماي شەھىرىدىكى تۆت رايوننى قاپلاپ، بازىدا ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە قاتناشقان پارتىيەلىك كادىرلار 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

لو نېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قاراماي شەھىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەمۇرىيەت ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەر خىل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، رايون، كوچا باشقارمىسى، مەھەللىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، بۇ شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركەزلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكىل ـ ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھېكايە سۆزلەش دەرسى، ھېس قىلىش دەرسى، ئەمەلىيەت دەرسىدىن ئىبارەت «ئۈچ دەرس»نى ياخشى ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەۋەلىكىدىكى ھەر مىللەت ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئاممىغا پۇختا مۇلازىمەت قىلدى.

پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ۋاسىتىلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. قاراماي رايونى «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاۋازلىق تېمى» تەسىس قىلىپ، يان تېلېفوندا «ئىككىلىك كود»نى سىكاننېرلاش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ساداسىنى «ئىككىلىك كود» ئارقىلىق ئاڭلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلىملىرىنى توردا ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مايتاغ رايونى شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «شىنىڭ خۇڭگۇاڭ»دا «پارتىيە تارىخى كالېندارى» ۋە «مىكرو دېكلاماتسىيە» ئىستونى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور سىرتىدا تۈرلۈك ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» پارتىيە تارىخى بىلىملىرى مۇسابىقىسى، ياشلار كىتاب ئوقۇش مارافون پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «قىزىل ھۈجەيرە» پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمىغا بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ «كىچىككىنە ئارزۇ» «كىچىككىنە مۇلازىمەت» «كىچىككىنە تۈزەش» «كىچىككىنە ئىلتىماس ـ تەلەپ»تىن ئىبارەت «تۆت كىچىككىنە» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.