تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئون تۈرلۈك تەدبىر يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كېپىللىك شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشتى

ئون تۈرلۈك تەدبىر يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ «بانكا ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك كېپىللىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، بانكا ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك كېپىللىك شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئېلان قىلغان.

يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى جەريانىدا ساقلانغان رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش يېتەرلىك بولماسلىقتەك قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا، مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل سىياسىتى قورالى بىلەن سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك كېپىللىك شىركەتلىرىنىڭ بايلىقتىن پايدىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش مەقسەت قىلىنغان.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكرار قەرز پۇل مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، ئېتىبار ئۆسۈم نىسبىتىلىك يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كېپىللىك قەرز پۇلى تارقىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان تەكرار قەرز پۇلى (نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، كىچىك كارخانىلارنى قوللايدىغان تەكرار قەرز پۇلنى ئىشلىتىپ تارقاتقان قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتە %5.5تىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سىياسەت جەھەتتە ئورۇن بەلگىلەشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بازار سۇبيېكتلىرىغا قارىتا سىياسەت خاراكتېرلىك كېپىللىك كەسپىنى قانات يايدۇرىدۇ، يىلىغا %0.8 ئۆلچەم بويىچە ئېتىبارلىق كېپىللىك ھەق نىسبىتىنى ئىجرا قىلىپ، باشقا باھالاش ھەققى قاتارلىق ھەرقانداق ھەقنى ئالمايدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كېپىللىك كەسپى تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بانكا بىلەن كېپىللىك شىركەتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىدا ئۆزئارا ئىشىنىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە سىستېما ئۇلىنىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئىخچاملاپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بانكا بىلەن كېپىللىك شىركەتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى بىلەن خېرىدارلارغا ئېرىشىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، توردا تېخىمۇ كۆپ كېپىللىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، كەسىپ بېجىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تورلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رەنىگە قويۇش ۋە قارشى كېپىللىك تەلىپىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتلام، تۈرلەرگە ئايرىلغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كېپىللىك مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جانلىق مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش قاتارلىق كېپىللىك شەكلىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، خادىملار كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشى كېرەك. ھەرقايسى بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كېپىللىك قەرز پۇل ئىناۋەت سوممىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنى مۇۋاپىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كېپىللىك قەرز پۇل كەسپىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى ھوقۇق سالمىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.