تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى

(2017 - يىل 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2018 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 15 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە

1 - باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب  قۇرۇش

3 - باب  يۈرۈشتۈرۈش

4 - باب  مۇلازىمەت قىلىش

5 - باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

6 - باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ قانۇن ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان، رەتلەيدىغان، ساقلايدىغان ھەمدە ئىزدەش، ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش مۇلازىمىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان، جەمئىيەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇمى، كىچىكلىتىلگەن بۇيۇم، رەقەم بايلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا سوتسىيالىستىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، سوتسىيالسىتىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىنى شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزى مەبلەغ غەملەپ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال قوزغىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىشى كېرەك.

5 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

6 - ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا ئىئانە بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

چېگرا سىرتىدىكى تەبىئىي شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىئانە بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېگرا ئىچىدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا قاتناشسا بولىدۇ.

7 - ماددا دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلاردىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

8 - ماددا دۆلەت پەن - تېخنىكىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

9 - ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانا ساھەسىدە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

10 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.

ساقلانما ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئارخىپ ياكى دۆلەت مەخپىيىتىگە تەۋە بولسا، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئارخىپ باشقۇرۇش ياكى دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

11 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا ساھە تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ساھە قائىدىسىنى تۈزۈشى، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى، ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئەزالارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

12 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2 - باب  قۇرۇش

13 - ماددا دۆلەت شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، قولاي، قوللىنىشچان ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىدۇ. ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىدا ھۆكۈمەت يېتەكچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاھالە سانى، ئاھالىنىڭ جايلىشىشى، مۇھىت ۋە قاتناش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا سانى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى بېكىتىپ، كۆچمەس ئىمارەت ۋە كۆچمە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، ئۆز مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

14 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇشى كېرەك.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - بازار(كوچا) ۋە كەنت(مەھەللە)نىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كۇتۇپخانا قۇرۇشى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

15 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شارائىتلارنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) نىزامنامە؛

(2) مۇقىم ئورۇن؛

(3) ئىقتىدارىغا لايىق ئىمارەت كۆلىمى، ئوقۇش ئورنى، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنە؛

(4) ئىقتىدارى، ساقلانما كۆلىمى قاتارلىقلارغا لايىق خادىم؛

(5) كۇتۇپخانا قۇرۇشقا زۆرۈر مەبلەغ ۋە مۇقىم بولغان يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى مەنبەسى؛

(6) بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەسلىھەسى، تۈزۈمى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى.

16 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ نىزامنامىسى نامى، ئورنى، كۇتۇپخانا قۇرۇش مەقسىتى، كەسىپ دائىرىسى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك قائىدە، تاقىۋېتىش تەرتىپى ۋە قالدۇق مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

17 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، تاقىۋېتىشتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك.

18 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ نامى، ئورنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ساقلانما ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى ئەھۋالى، ئاساسلىق مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

19 - ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى مۇناسىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، كەسپىي بىلىم ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىغا ئىقتىدارى، ساقلانما كۆلىمى، ئىمارەت كۆلىمى، مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن مۇناسىپ خادىم قويۇش كېرەك. ئاممىۋى كۇتۇپخانا خادىملىرى مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەتنى ھازىرلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاتسا بولىدۇ.

20 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردا ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، نامى ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى مەخسۇس ساقلانمىسى ياكى مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ نامى قىلىنسا بولىدۇ.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردا ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، نامى ئاممىۋى كۇتۇپخانا، ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىمارىتى ياكى باشقا ئەسلىھەسىنىڭ نامى قىلىنسا بولىدۇ.

ئىئانە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، نامىنى نام قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىش، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ - ئادەتكە ئەمەل قىلىش كېرەك.

21 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى تاقىۋېتىشتە، ئۇنىڭ قالدۇق مال - مۈلكىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

22 - ماددا دۆلەت قۇرغان دۆلەت كۇتۇپخانىسى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك ساقلاش، دۆلەتنىڭ كىتاب مۇندەرىجىسى ۋە بىرلەشمە مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قەدىمكى كىتابلارنى قوغداشقا تەشكىللەش، كۇتۇپخانا تەرەققىياتى بويىچە تەتقىقات ۋە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، باشقا كۇتۇپخانىلارغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا مەدىتى بېرىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىقتىدارىمۇ بار.

3 - باب  يۈرۈشتۈرۈش

23 - ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىكى ۋەكىللەر، كەسپىي زاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ كۇتۇپخانا باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

24 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۇتۇپخانا قۇرۇش مەقسىتى ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلىشى؛ ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار يەنە يەرلىك ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى سىستېمىلىق توپلىشى، ساقلىشى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

25 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار سېتىۋېلىش، ساقلانمىنى ياكى ئىئانىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق قانۇنلۇق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى توپلىسا بولىدۇ.

26 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت كۇتۇپخانىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىغا رەسمىي نەشر بۇيۇمىنى ساقلىتىشى كېرەك.

27 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار دۆلەت ئېلان قىلغان ئۆلچەم، قائىدە بويىچە ساقلانما ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، ساقلانما ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى مۇندەرىجىسى تۇرغۇزۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ياكى باشقا ئۇسۇلدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

28 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ساقلانما ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئۆز مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولمايدۇ؛ بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، گوۋۇيۈەن مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھۆججەت ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوغرىدىن ساقلىنىش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە قەدىمكى كىتابلار ۋە باشقا قىممەتلىك، ئاسان ئۇپرايدىغان ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىغا مەخسۇس قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

29 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئاسراپ، ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، مەيدانلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز باشقا سودا - تىجارەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە بولمايدۇ.

30 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۇتۇپخانىلار ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرلىشىپ سېتىۋېلىشى، بىرلىشىپ تۈزۈشى، بىرلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللاپ، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئورتاق ئىشلەش، ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

31 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى باش كۇتۇپخانا، يېزا - بازار(كوچا) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت(مەھەللە) كۇتۇپخانىسى قاتارلىقلارنى شۆبە كۇتۇپخانا ياكى ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت نۇقتىسى قىلغان باش - شۆبە كۇتۇپخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە تەقسىملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارىيەت ئېلىش - قايتۇرۇشنى ھەممىبابلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىنىڭ شەھەر - بازارلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. باش كۇتۇپخانا شۆبە كۇتۇپخانا ۋە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت نۇقتىسىغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

32 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردىكى ساقلانما ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى ئارخىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا تەۋە بولغاندا، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئارخىپخانا، مۇزېي، خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئوخشاش نۇسخىسى، كۆپەيتىلمىسى ياكى مۇندەرىجىسىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرسا، بىرلىكتە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارىخ ماتېرىياللىرىنى ئورتاق تۈزۈپ نەشر قىلسا ياكى تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقاتى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

4 - باب  مۇلازىمەت قىلىش

33 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار باراۋەر، ئوچۇق، تەڭ پايدىلىنىش تەلىپى بويىچە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار جەمئىيەتتىكى ئاممىغا تۆۋەندىكى ھەقسىز مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك:

(1) ھۆججەت - ماتېرىيال ئىزدەش، ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش؛

(2) ئوقۇش ئۆيى، ئىختىيارىي ئۆگىنىش ئۆيى قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇق، ئەسلىھە، مەيدانلىرىنى ئېچىۋېتىش؛

(3) ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك لېكسىيە سۆزلەش، ئوقۇشلۇق كېڭەيتىش، تەربىيەلەش، كۆرگەزمە ئېچىش؛

(4) دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ھەقسىز مۇلازىمەت تۈرلىرى.

34 - ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئۆسمۈرلەر، بالىلار ئوقۇش ئورنى تەسىس قىلىشى، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇناسىپ كەسپىي خادىم قويۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا يۈزلەنگەن كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار ئۆسمۈرلەر، بالىلار كۇتۇپخانىسىنى ئايرىم قۇرسا بولىدۇ.

ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىپ پائال شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

35 - ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئۆز شارائىتىغا قاراپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن، نىزام، سىياسەت چىقىرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

36 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كىتاب ئوقۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نۇتۇق سۆزلەش، دىكلاماتسىيە قىلىش، ئۆزئارا كىتاب ئالماشتۇرۇپ تەڭ پايدىلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك.

37 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەزمۇنى مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرسە بولمايدۇ.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ۋە قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ بولغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ ياكى باشقا تەشكىلات، شەخسنىڭ كۇتۇپخانا ئىچىدە شۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

38 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار شۇ كۇتۇپخانىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى، ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ياكى باشقا ئۇسۇلدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۇتۇپخانا تاقالسا ياكى ئېچىۋېتىش ۋاقتى ئۆزگەرسە، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچكە دۇچ كېلىپ قالمىسىلا، ئالدىن ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئېچىۋېتىش كېرەك، دۆلەت قانۇندا بەلگىلىگەن بايرام كۈنلىرىدە ئېچىۋېتىش ۋاقتى بولۇشى كېرەك.

39 - ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۆچمە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، ئۆز مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

40 - ماددا دۆلەت ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، ئۆزئارا تۇتاشقان ئاممىۋى كۇتۇپخانا رەقەملىك مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئوقۇش مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش ۋە رەقەم بايلىقىنى ساقلاش تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار رەقەم بايلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، مۇناسىپ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى، تور ۋە تور سىرتى ئۆزئارا بىرلەشكەن ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

41 - ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كۇتۇپخانىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغدىشى، ئۆز شارائىتىغا قاراپ رەقەملەشتۈرۈش، سۈرەتكە ئېلىش ياكى كىچىكلىتىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىشى كۈچەيتىشى ھەمدە سەييارە كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك لېكسىيە سۆزلەش، نادىر نۇسخىلارنى قايتا ئىشلەش، ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى يارىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

42 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار مۇلازىمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى، ئوقۇرمەننىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، ئەرز قىلىش يوللىرىنى ئېچىشى، قايتما ئىنكاس مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

43 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي ئۇچۇرى، ئارىيەت ئېلىش ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي سىرىغا چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئوبدان قوغدىشى كېرەك، ئۇنى باشقىلارغا سېتىپ بەرسە ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا بېرىۋەتسە بولمايدۇ.

44 - ماددا ئوقۇرمەنلەر ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغدىشى، ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىكى ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئاسرىشى، ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىدىن قانۇنلۇق پايدىلىنىشى كېرەك؛ ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئارىيەت ئالغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشى كېرەك.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ياكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى ئاممىۋى كۇتۇپخانا خادىمى نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا، چەكلەشكە ھوقۇقلۇق، نەسىھەت قىلىپ توسۇش، چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ.

45 - ماددا دۆلەت ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، مەدەت بېرىدۇ.

46 - ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئاممىۋى كۇتۇپخانا پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

47 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى باھالىشى كېرەك. باھالاشقا جەمئىيەتتىكى ئاممىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ھەمدە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا ياردەم پۇل ياكى مۇكاپات بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

48 - ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىسى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى كۇتۇپخانىسى، شۇنىڭدەك باشقا تۈردىكى كۇتۇپخانىلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، بىرلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللايدۇ.

دۆلەت مەكتەپ كۇتۇپخانىسى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى كۇتۇپخانىسى، شۇنىڭدەك باشقا تۈردىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىلىشىنى قوللايدۇ.

5 - باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

49 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باشقا تەشكىلات، شەخسنىڭ كۇتۇپخانا ئىچىدە شۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

(1) ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تەرەپ قىلغانلار؛

(2) ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي ئۇچۇرى، ئارىيەت ئېلىش ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي سىرىغا چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا بېرىۋەتكەنلەر؛

(3) مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بېرىۋەتكەنلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەزمۇنى مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بەرگەنلەر؛

(4) ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، مەيدانلارنى ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز سودا - تىجارەت پائالىيىتىگە ئىشلەتكەنلەر؛

(5) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتى تەلىپىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ھەقسىز تەمىنلەشكە تېگىشلىك مۇلازىمەتكە ھەق ئالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھەق ئالغانلىرىغا باھا مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىش بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

51 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن رەسمىي نەشر بۇيۇمىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ساقلاشقا بەرمىگەنلىرىگە نەشرىيات مەسئۇل تارمىقى نەشرىيات باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

52 - ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئاممىۋى كۇتۇپخانا باشقۇرۇش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

53 - ماددا ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىكى ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى بۇزۇۋەتكەن ياكى ئارىيەت ئالغان ھۆججەت - ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرماي، مال - مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

54 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6 - باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

55 - ماددا بۇ قانۇن 2018 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.