تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، پۇختا قىلىشقا تۈرتكە بولدى

قەشقەر ۋىلايىتى شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتىنى بېيىتىپ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، پۇختا قىلىشقا تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە «باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى» قاتارلىقلارغا تايىنىپ، خاسلىقى روشەن، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، قەلبلەرگە سىڭدۈردى، پۇختا قىلدى.

يېڭىسار ناھىيەسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىم تۇتۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»كە سىڭدۈرۈپ، ياچېيكا ھەيئەتلىرى يىغىنىدا باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىدا چوڭقۇر ئۆگىنىش، پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا جانلىق ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەممە كىشىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قاتناشتۇردى.

كونىشەھەر ناھىيەسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، «شۇجى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ياچېيكا ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياچېيكا ھەيئەتلىرى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش» ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، ئەينەن، ھەقىقىي ئۆگىنىش، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

قاغىلىق، مارالبېشى، يېڭىشەھەر قاتارلىق ناھىيەلەر يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى پونكىتى (ئورنى)نى ۋاسىتە قىلىپ، «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار» مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، ئىنقىلابىي تارىخ، قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى «سىياسىي تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈننى كۈتۈۋېلىش»نى باش تېما قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. «باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، مەن ئۆز مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، يېتەكلەيمەن» دېدى پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن ئوبۇلقاسىم.

«پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى «10 بىر» پائالىيىتىگە تايىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئېتىز باشلىرىغا، چوڭ - كىچىك كوچىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.